تىيانشان چوڭ جىلغىسى باھار سەيلىسىگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى

日期:2023年03月14日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى (مۇخبىر مايگۈل ھېيتقازى) بارلىق مەۋجۇداتلار ئويغىنىپ، باھار كېلىپ يەر-جاھان ئىللىدى، بۇ دەل باھار سەيلىسى قىلىشنىڭ ياخشى مەزگىلى. يېقىنقى كۈنلەردە، ئۈرۈمچى ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى تۈركۈملەپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى.

3-ئاينىڭ 5-كۈنى، تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىنىڭ ئارىلىق ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ مەنزىرە رايونىدىكى داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى−جاۋبىسەن تېغىنى سەيلەقىلماقتا.

ئارنا فوتوسى

3-ئاينىڭ 5-كۈنى، تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا، كۆپكۈك ئاسمان ئاپئاق بۇلۇتلار، قارلىق تاغدىكى قارىغايلار، كۆلدىكى غەلىتە تاشلار گۈزەل تاغ-دەريالارنىڭ بىر پارچە گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلدى. يوللاردا قار يىغىلىپ قالغاچقا، نۆۋەتتە مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت مەركىزىدىن جاۋبىسەن تېغىغىچە بولغان بۆلەكنىلا ئېچىۋەتكەنىدى. مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە ئەتىياز پەسلىدىكى ئەڭ ياخشى پىيادە مېڭىش لىنىيەسىدىن ئىككىنى ھازىرلىدى، بىرى شىئېر ليەنخۇ ئېكولوگىيەلىك ئىستىراھەت پىيادە مېڭىش لىنىيەسى، يەنە بىرى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدىن جاۋبىسەن تېغى مەنزىرە نۇقتىسىغىچە بولغان ئورمان ئوكسىگېنخانىسى ياغاچ ئاسما يولى پىيادە مېڭىش لىنىيەسى. بۇ ئىككى لىنىيەدە ساياھەتچىلەر ساغلام پىيادە مېڭىش بىلەن بىللە، تىيانشاننىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنالايدۇ.

باھار پەسىلدىكى ساياھەت ياخشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى ساياھەتنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەنزىرە رايونى ھازىر بار بولغان مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە تىجارەت كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەدەنىي، قائىدە يوسۇنلۇق مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق ئۆستۈردى، «بىز تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، دوۋيىن قاتارلىق قىسقا سىن سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ مەنزىرە رايونىنى تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىجەلپ قىلىمىز» دېدى شىنجاڭ يىپەك يولى نەنسەن ساياھەت مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ماۋ خۇڭجۈن.

گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن جاۋ خۇڭۋېي بىلەن ۋاڭ ۋېي ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ئالايىتەن ئون كۈنلۈك دەم ئېلىشىنى ئېلىپ شىنجاڭغا ساياھەت قىلىشقا كەلگەنىدى، «بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كېلىشىمىز، تاغ ئارىسىدا پىيادە ماڭدۇق، يول بويى ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ، ئوكسىگېننى قانغۇدەك سۈمۈردۇق» دېدى جاۋ خۇڭۋېي.

بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، تۇتاش كەتكەنقەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز تاغلار، سىرلىق ئىپتىدائىي ئورمانلار،تاغ جىلغىسىدىكى بىپايانئوتلاقلار، گىرەلىشىپ كەتكەن جىلغىلاردىكى دەريا ۋادىسىقاتارلىق بار، قۇملۇقتىن باشقاشىنجاڭنىڭ بارلىق تەبىئىي مەنزىرىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسى، دۆلەت دەرىجىلىك تەنتەربىيە تەنھەرىكىتى ئىستىراھەت بازىسى قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن بولۇپ، «100 چاقىرىملىق ئالتۇن ساياھەت كارىدورى، دالىدىكى ئىستىراھەت-دەم ئېلىش گۈزەل ماكانى» دېگەن نامىمۇ بار.