3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ تۇرپاندا ئۆرۈكلەر ئارقىمۇ-ئارقا چېچەكلەيدۇ

日期:2023年03月10日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شياۋمى خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاي يېتىپ كەلدى، ئۆرۈكلەرقاچان چېچەكلەيدۇ؟ 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىرنىڭ تۇرپان شەھىرىدىن ئىگىلىشىچە، «شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار . چېچەكلەر ئېچىلغان تۇرپان» 2023-يىللىق ئۆرۈك چېچىكى پەسلىدىكى ئاساسلىق چېچەك سەيلىسى نۇقتىسى بېكىتىلگەن، ئۆرۈك چېچىكىنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى ئالدىن مۆلچەرلەنگەن.

ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىدا ئورۇنلانغان ئېسىل ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى.

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن سۈرەت

بۇ يىل تۇرپان شەھىرىدە ئاساسلىق چېچەك سەيلىسى نۇقتىسىدىن جەمئىي 19ى بار بولۇپ، ئىدىقۇت رايونى، توقسۇن ناھىيەسى، پىچان ناھىيەسىگە تارقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ چېچەك سەيلىسى نۇقتىسى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ شا بازىرى نەنخۇ كەنتى بولۇپ، ئۆرۈك چېچىكى كۆلىمى 10 مىڭ موغا يېتىدىكەن، باشقا ھەرقايسى نۇقتىلارنىڭ كۆلىمى 20 مودىن 5300 موغىچە ئىكەن.

ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلىشتىن باشقا، بۇ يىلقى ئۆرۈك چېچىكى پەسلىدە 40 نەچچە تۈرلۈك بايرام باش تېمىسىدىكى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىكەن، بۇلارمىللەتلەرئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئويۇنى، خەلق ئۆرپ-ئادەت سەيلىسى، مەززىلىكتائاملار مۇسابىقىسى، ناخشا-ئۇسسۇل ئويۇنى، قولدا كەشتىلەش، لەگلەك مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۆرۈك دەرىخى ئاستىدا، ساياھەتچىلەر ئاھالىلەر بىلەن بىللە مەشرەپ ئويناپ، نازىركوم ئويۇنىنى كۆرەلەيدىكەن، ئۆز قولى بىلەن نان يېقىش، گۈل بېسىش، ساپال بۇيۇملارنى ياساشنى ھېس قىلىپ، ھەر خىل مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگەلەيدىكەن.

تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەشۋىق قىلىش-كېڭەيتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ما لىيىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىلقى ئۆرۈك چېچىكى پەسلى باش تېما پائالىيىتىگە تېخىمۇ كۆپ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، مەدەنىيەت ئامىللىرى قوشۇلدى، ساياھەتچىلەر چېچەكلىگەن ئۆرۈك دەرەخلىرى ئاستىدا <غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەنئەڭ رومانتىك ئۇچرىشىپ>، مەدەنىيەتنى جانلىق شەكىلدە ھېس قىلالايدىكەن.»

ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىققان ساياھەتچىلەر، گاۋتيېدا كەلگەن ساياھەتچىلىرىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئۇلار يەنە تەپسىلىي ھالدا چېچەك سەيلىسى خەرىتىسى تەييارلايدىكەن، بۇ ئىدىقۇت رايونى، توقسۇن ناھىيەسى، پىچان ناھىيەسى قاتارلىق چېچەك سەيلىسى مەركەزلىك جايلاشقان 19 جاينىڭ يېمەك-ئىچمەك، ياتاق قاتارلىق مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

​تۇرپان مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى ئۇدا ئۈچ يىل چېچەك مەزگىلىدىن ئالدىن مۆلچەرلەش بەرگەن. تۇرپان شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئاممىۋى مېتېئورولوگىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى جاڭ خۇيچىن مۇنداق دېدى: «مۆلچەرلىنىشىچە، 2023-يىلى تۇرپان ئويمانلىقىدا ئۆرۈك چېچىكىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى 2022-يىلىدىكىگە يېقىنلىشىپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئېچىلىش ۋاقتى بىلەن ئاساسەن تەڭلىشىدۇ.»

تۇرپان شەھىرىدە يېقىندا روشەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلمەيدىغان، ھاۋا ئوچۇق، تېمپېراتۇرا مۇقىم ئۆرلەيدىغان، ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى ئاز بولۇپ، ئۆرۈك چېچەكلىرى ياخشى ئېچىلىدىكەن، تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئۆرۈك چېچەكلىرىنىڭ ئۆسۈشى نورمال يىللاردىكىگە يېقىنلىشىدىكەن. ئالدىنقى مەزگىللىك كىلىمات ئالاھىدىلىكى ۋە كېيىنكى مەزگىللىك كىلىماتنى ئالدىن مۆلچەرلەشنى ئومۇملاشتۇرغاندا، يالقۇنتاغنىڭ جەنۇبىدا 3-ئاينىڭ 18-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە، يالقۇنتاغنىڭ شىمالىدا 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەتراپىداچېچەكلەيدىكەن.

نۆۋەتتىكى مۆلچەرلەنگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، تۇرپان شەھىرىدە ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى، پىچان ناھىيەسىنىڭ تۇيۇق يېزىسىدا 3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە بولىدىكەن. توقسۇن ناھىيەسىنىڭ شا بازىرىدا 3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە، پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە، پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان بازىرى 3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدىكەن. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چېچەكلەش مەزگىلىگە يېقىنلاشقاندا يەنە بىر قېتىم ئالدىن مۆلچەرلەش ئېلىپ بارىدىكەن.