مەكىت ناھىيەسى بۇ يىلقى تۇنجى ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانىنى كۈتۈۋالدى

日期:2023年03月10日
来源:天山网
【字体:

3-ئاينىڭ 3-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن كەلگەن 60 ساياھەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيەسىگە كېلىپ ساياھەت سەپىرىنى رەسمىي باشلىۋەتتى. بۇ مەكىت ناھىيەسىنىڭ بۇ يىلتۇنجى تۈركۈمدەكۈتۈۋالغان ئايروپىلان ھۆددىگە ئالغان چوڭ كۆلەمدىكى ساياھەت ئۆمىكى بولۇپ، مەكىت ناھىيەسى ساياھەتچىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك جانلىنىپ ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 60 ساياھەتچى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەكەن دەرياسى ئېكولوگىيە مەدەنىيەت باغچىسى، دولان رەسىملىرى يۇرتى ساياھەت مەنزىرە رايونى، N39° قۇملۇق ساياھەت-ئېكسپېدىتسىيە بازىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، مەكىت ناھىيەسىنىڭ تەبىئىي مۇھىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە دولان مەدەنىيىتىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدى.

ساياھەتچى پەن يۇڭيەن مۇنداق دېدى: «مەكىت ناھىيەسى بۇ قېتىمقى ساياھىتىمىزنىڭ ئىككىنچى بېكىتى، ئىلگىرى بۇ جاي ماڭا ئىنتايىن سىرلىق بىلىنەتتى، ھازىرقۇملۇقنىڭ چېتى يوقلىقىنى، توغراقلارنىڭ قەددىنى تىكتۇتۇپ ئۆسىدىغانلىقىنى، بەئەينى بۇ يەردىكى كىشىلەرگە ئوخشاش قۇياشقا قاراپ تەلپۈنۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.»

مەكىت ناھىيەسىنىڭ 4A دەرىجىلىك دولان رەسىملىرى يۇرتى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر دولان مەدەنىيىتى، خەلقنىڭئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھېس قىلدى، قۇملۇق مەدەنىي يادىكارلىقلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى، دولان دېھقانلاررەسىملىرىنىڭ ئىجادىيەت جەريانىنى كۆردى؛ N39° قۇملۇق ساياھەت-ئېكسپېدىتسىيە بازىسىدا، نۇرغۇن ساياھەتچى قۇملۇق دالا ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان قۇملۇق دالا ساياھىتىنى ھېس قىلىپ، قۇملۇقتا بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش ئارزۇسىغا يەتتى. سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل، قىزغىن، مېھماندوست مەكىت ئاممىسى ۋە سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىلەرگە قاراپ،ساياھەتچىلەرشىنجاڭدىن، مەكىت ناھىيەسىدىن مېھرىنى ئۈزەلمىدى.

ساياھەتچى دەي جىڭجىڭ مۇنداق دېدى: «سەپەرگە بىللە چىققان 12مىزنىڭ ھەممىسى بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىنى ياقتۇرۇپ قالدۇق، نۆۋەت بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلدۇق، مۇنداقلا تارتىلغان سۈرەتلەرمۇ شۇنچىلىك گۈزەل. بىز يەنە بۇ يەرنىڭ يەرلىك قېتىقىنى تېتىپ باقتۇق، تەمى ئۆزگىچە ئىكەن، ھەممىمىز لىق بىر قاچىدىن ئىچتۇق. قايتىپ بارغاندىن كېيىن بۇ جاينى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تەۋسىيە قىلىمىز، ئۇلارمۇ كېلىپ ھېس قىلىپ باقسۇن.»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەكىت ناھىيەسى بايلىق ئەۋزەللىكى، مەدەنىيەت ئەۋزەللىكى، ماركا ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، دولان رەسىملىرى يۇرتى ساياھەت مەنزىرە رايونى، N39° قۇملۇق ساياھەت-ئېكسپېدىتسىيە بازىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ «ساياھەتچىلەر قەشقەرگە كىرىش» تۈرى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىگە مەكىت ناھىيەسىنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭقۇر ئادىمىيەت مېھىر-مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇردى، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان قۇملۇق دالا ساياھىتىنى ھېس قىلدۇردى، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسىدىن تېخىمۇ ياخشى ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ساياھەتچى ليۇ ياڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى ساياھەتتە، بۇ جايدىكىدېھقانلار رەسىملىرىدىن ھۇزۇرلاندۇق، بۇ رەسىملەردە بۇ جايدىكى ئاممىنىڭ سەمىمىي ۋە قىزغىنلىقى، شۇنداقلا مىللىي خاسلىقى تولۇق ئىپادىلىنىپتۇ. كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ياخشى جاي ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇق، شىنجاڭ يەنە كېلىشكە ئەرزىيدىغان جاي ئىكەن.»

(ئىختىيارىي مۇخبىرلار: راھىلە مەمەت، ئابدۇشۈكۈر ئوسمان)

مەنبە: مەكىت ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى