شىنجاڭ 1-ئايدىن 2-ئايغىچە 22 مىليون 300 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، تەخمىنەن 16 مىليارد 300 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ياراتتى

日期:2023年03月01日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ مېڭمېڭ خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئايدىن 2-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيكۈتۈۋالغان ساياھەتچىتەخمىنەن 22 مىليون 300 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.8 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى تەخمىنەن 16 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.6 ئاشقان. 

2-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا، ئارتىسلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ساياھەتچىلەرنى خۇشال كۈتۈۋالدى.ماتېرىيال سۈرەت

«3-ئاينىڭ 15-كۈنى، بىز <كۈلۈمسىرىگەن شىنجاڭ>مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى،<كۈلۈمسىرىگەن شىنجاڭ سۈپەت باش ئەمەلدارى>، <كۈلۈمسىرىگەن شىنجاڭ ئۈلگىلىك مۇلازىمەتچىسى> قاتارلىقلارنى باھالاش پائالىيەتلىرىنى باشلايدۇ، <كۈلۈمسىرىگەن شىنجاڭ> مۇلازىمەت سۈپىتى خىزمەت پىلانى ۋە مەدەنىيەت-ساياھەت سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، ئەرز مېخانىزمىنى ئېلان قىلىپ، <كۈلۈمسىرىگەن شىنجاڭ> مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەيدۇ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە يارىتىشقا تۈرتكە بولىمىز. 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرىلىرىدا 2023-يىللىق «مەدەنىي ساياھەت قىلىپجۇڭگوغا نومۇر قوشۇش» باش تېما پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئېلىپ،مەدەنىي ساياھەت قىلىشتەشۋىقاتىنىڭ يېتەكلەش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىيلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ئازادە، مەدەنىي ساياھەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بازار باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ 4-دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى جاۋ شياۋچۈن.

بۇنىڭدىن باشقا، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ماركىسىنى يەنىمۇ تونۇتۇش ئۈچۈن، يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىز يەنە 3-نۆۋەتلىك «دۆلەت يولى. قىزىل چېگرا رايون__G219 جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل چېگرا مەنزىرە يولى» مەملىكەتلىك ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى، جەنۇبىي شىنجاڭ باھارى __شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق ساياھەت بايلىقى بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئومۇملاشتۇرۇش مەخسۇس پويىز سەپىرى، 6ـ نۆۋەتلىك «ئۆي ئاپتوموبىلىدىكى شىنجاڭ» ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.