نارات: «ئاق شايى»«يىپەك لېنتا» بىلەن ئورانغان ئوتلاق

日期:2022年10月22日
来源:天山网
【字体:

10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، بىر قېتىملىققاردىن كېيىن، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيەسى نارات ئوتلىقى نېپىز بىر قەۋەت «ئاق لىباس»قا ئوراندى. ئوتلاقتىكى ئوت - چۆپلەرنىڭ رەڭگى سېرىق بولۇپ، تاغ ئارىسىدىكى قارىغايلار ھەيۋەتلىك ئىدى. ئەگرى - بۈگرى گىرەلىشىپ كەتكەن دەريا ئېقىنى كۈمۈش جىيەك بىلەن نەقىشلەنگەن بولۇپ، خۇددى لەيلەپ يۈرگەن يىپەك لېنتىغا ئوخشاش يىراقلاردا لەرزان ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. تاغ جىلغىسىدا سۇس تۇمان پەيدا بولغان بولۇپ، مەنزىرە رايونىغا غۇۋا گۈزەللىك قوشتى.