يېشىللىققا تولغان ماكاندا «ساياھەت دەستۇرى»دىن ياخشى پايدىلىنىمىز

日期:2022年10月22日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

«بۇ، بۇلۇڭكۆل يېزىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ساياھەت تەشۋىقاتى <چوڭ فىلىمى>، بۇ قىز - يىگىتلەر ھازىر پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ساياھەتچىلىكىدىكى <توردا ئالقىشلانغان>لارغا ئايلاندى، ئۇلار ھەر كۈنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىلىدۇ، مەستانىلىرى ناھايىتى كۆپ!» 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جايدا، ۋەكىل لى ۋېنجۈەن يان تېلېفونىنى يېنىدىكى ۋەكىل گۈلەمبەر روشەنگە سۇندى، سۆز ئورانىدىن پەخىرلىنىش چىقىپ تۇراتتى.

يان تېلېفوندىكى سىندا، بەيشاخۇ كۆلى خۇددى زۇمرەتتەك جۇلالىنىپ تۇراتتى، قۇياش نۇرىدا بۇلۇت شولىسى كۆل يۈزىدە ئەكس ئېتىپ تۇراتتى، يېشىللىققا تولغان بىر پارچە تاغ - دەريا يۆگىمە رەسىمى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى. كۆل بويىدىكى ياغاچتىن ياسالغان مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا، قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمىنى كىيگەن بىر توپ ياشلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، «خەيرلىك سەھەر، گۈزەل بۇلۇڭكۆل قىزى» دېگەن ناخشىنى ئېيتماقتا ئىدى: «بىر كۆرۈپلا سىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم، كۆزۈمنى سىز بار جايدىن ھەم ئۈزەلمىدىم...»

«ۋېنجۈەن شۇجى، مەن بۇلۇڭكۆلگە بارمىغىلى تېخى نەچچە ئايلا بولغانىدى، سىلەرنىڭ ئۇ يەرنىڭ ساياھەتچىلىكىنى بۇنچە جانلاندۇرۇۋەتكىنىڭلارنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، بارغانسېرى <مودا> بولۇپ كېتىپتۇ» دېدى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تاجىكئابات بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ۋەكىل گۈلەمبەر روشەن.

ۋەكىل لى ۋېنجۈەن ئاقتۇ ناھىيەسى بۇلۇڭكۆل يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بۇ يېزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3400 مېتىر بولۇپ، «بۇلۇتلار ئارىسىدىكى يۇرت» دەپ ئاتالغان، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز يېزا - بازار. 2019 - يىلى، لى ۋېنجۈەن ساياھەتچىلىكنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۇتۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، «بىزنىڭ مول ساياھەت بايلىقىمىز بار، بەيشاشەن تېغى، بەيشاخۇ كۆلى، مۇزتاغ چوققىسى، گوڭگۇر چوققىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلەر، قىرغىز مىللىتىنىڭ <ماناس> ئېپوسى ۋە غەربىي كوئېنلۇن رىۋايەتلىرىنى دېمەيلا قويايلى، ھەرگىزمۇ <ئالتۇن تاۋاق>نى كۆتۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى ئۇ.

«ھازىر ساياھەتچىلەرنىڭ خاسلاشقان ئېھتىياجى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ساياھەتچىلەرنى توختاشقا، قونۇپ قېلىشقا، ئويناپ كېتىشكە قانداق جەلپ قىلدىڭلار؟» دەپ سورىدى گۈلەمبەر روشەن.

لى ۋېنجۈەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇلۇڭكۆل يېزىسى جەمئىي 30 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياغاچ ئاسما يول قاتارلىقلارنى ياسىدى. ساياھەتچىلىكتىكى بىر چوڭ مۇھىم ئامىل بولغان «تاماق» جەھەتتە، يېزا يەنە قوتاز گۆشىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، ساياھەتچىلەرگە ئېگىزلىكتىكى قوتاز گۆشىنىڭ مەززىلىك تەمىنى تېتىتتى. «بىز يەنە بىر تۈركۈم قىرغىزچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئېسىل ئائىلىۋى مېھمانخانا ۋە خاس يېمەك - ئىچمەك ئورۇنلىرىنى بەرپا قىلدۇق، نۆۋەتتە، پۈتۈن يېزا بويىچە بەش كەنتتە ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 272 ئائىلە، 1064 ئادەم بار. دالىدا قونۇش، پىيادە مېڭىش قاتارلىق ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىمۇ تېز يېتىلمەكتە».

«دۆلەت يولى 314 - لىنىيەسى ئارقىلىق سىلەرنىڭ يېزىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ناھىيەمىزگە بارغىلى بولىدۇ. بۇ لىنىيەگە ئەڭ گۈزەل مەنزىرە ۋە كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان مەدەنىيەت مۇجەسسەملەنگەن. بىز بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ سەرخىل ساياھەت لىنىيەسى ۋە تۈرلىرىنى ئاچساق، چوقۇم تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلالايمىز» دېدى گۈلەمبەر روشەن ھاياجان بىلەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تاشقورغان پۈتۈن رايون ساياھىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، چېگرا ساياھىتى، يېزا - كەنت ساياھىتى، ئارشاڭ ساياھىتى، تاغقا چىقىش ساياھىتى، قار - مۇز ساياھىتى، ھېس قىلىش ساياھىتى قاتارلىق ساياھەت ماركىلىرىنى ياراتتى، تاشقورغان - يەكەن قەدىمىي يولى، پەنلۇڭ قەدىمىي يولى توردا ئالقىشلانغان جەزمەن بارىدىغان جايغا ئايلاندى.

«بىز يەنە مۇزتاغ مۇزلۇق باغچىسى، قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسى، ۋاخان كارىدورى قاتارلىق نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، <شۈەنزاڭنىڭ شەرققە قايتىشى> چوڭقۇر ھېس قىلىش ساياھەت سۈرەتكە تارتىش تۈرىنى بەرپا قىلىپ، پەنلۇڭ قەدىمىي يولى مەنزىرە رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىپ، <ساياھەت دەستۇرى>نى ياخشى ئوقۇيمىز، بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز بار!» دېدى گۈلەمبەر روشەن.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، بىز چوقۇم ئېكولوگىيەنى ياخشى قوغداپ، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلايمىز!» دېدى لى ۋېنجۈەن.