شىنجاڭ تېكەس: كۈزدىن تون كىيگەن يېزا ـ كەنتلەر سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى

日期:2022年10月20日
来源:天山网
【字体:

10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى كوكسۇ يېزىسىنىڭ ھەممىلا يېرى قويۇق كۈز تۈسىگە پۈركەنگەن بولۇپ، كەچكى شەپەق نۇرىدا بۈك باراقسان ئورمانلار،يېشىل تاغ، دەريا، كەنت ۋە رەڭدار ئېتىزلار ئۆزارا جۇلالىنىپ، نۇر ۋە سايە جىلۋە قىلىپ، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق گىرەلىشىپ، رەڭگارەڭ، سۈرەتتەك، شېئىرىي تۇيغۇغا ئىگە گۈزەل كۈز پەسلىدىكى يېزا - كەنتلەرنىڭ يۆگىمە رەسىمىھاسىل بڭلغان ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېكەس ناھىيەسى يېشىل تەرەققىيات يولىدا سىجىل مېڭىپ، كەنت قىياپىتى ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يۇرتىنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرىنى تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلدى.( قاستىر، جاۋ چىڭچىڭ)