شىنجاڭدىكى 5000دىن ئارتۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرى ياخشى قوغدالدى ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋارىسلار بار بولدى

日期:2022年07月29日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگو ئاخبارات تورى، ئۈرۈمچى، 7- ئاينىڭ 27-كۈنى تېلېگراممىسى (جۈ جىپېڭ) مۇخبىرنىڭ 7- ئاينىڭ 27- كۈنى شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، شىنجاڭدا 5425 تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى» دېيىلىدۇ) ۋەكىللىك تۈرى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 315 تۈر، دۆلەت دەرىجىلىك 94 تۈر بار ئىكەن.

شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت نازارىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى، 2- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ۋاڭ جيېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقى مول، شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، يۇقىرىقى 5000دىن ئارتۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرى ياخشى قوغدالغان، ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋارىسلار بار ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ھەر دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلاردىن جەمئىي 5632 كىشى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكى 548 كىشى، دۆلەت دەرىجىلىكى 112 كىشى.»

ئېلى مۇھەممەت تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسىدىكى تۇرپان مۇقامىنىڭ ۋارىسى، ئۇ يېقىندا شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان سىنلىق ئالماشتۇرۇش يىغىندا، شاگىرتلىرى بىلەن بىرلىكتە سىنلىق ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق سىرتقا شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

«تۇرپان مۇقامى شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزامىنى تۈزۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت- سەنئەت گۆھەرلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.» ئېلى مۇھەممەت مۇنداق دېدى: مېنىڭ يۇرتۇم پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا يەنە «تۇرپان مۇقاملىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى» قۇرۇلۇپ، بىزنى مۇقام سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ياخشى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.

شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ما شۈ مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىزچىل تۈردە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ئەمەلىيىتى، ۋارىسلىق قىلىش ئىقتىدارى ۋە ۋارىسلىق قىلىش مۇھىتىنى كۈچەپ قوغداپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش ۋە ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك قوغداش خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى تېخىمۇ تاكامۇللاشتى.

ئۇنىڭدىن باشقا، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2022- يىللىق «شىنجاڭ ياخشى جاي» − شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى 7- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىدە «مەدەنىيەت گۆھىرى. خەلقنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، كۆرگەزمە كۆلىمى 5000 كىۋادرات مېتىر، مۇقەددىمە زالى ۋە رەڭدار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، مۇزىكىلىق ئۇسسۇل غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، بارماق ئۇچى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، بۇلۇت ئۈستى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، قىزىقارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن بۆلەكلەردىن تەركىب تاپقان. شۇ ۋاقىتتا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر، شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە جەمئىي 328 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك تۈرى مەركەزلىك نامايان قىلىنىدىكەن.