ۋاڭخۇڭ ئالغا باسار كەنتىدە ساياھەتچىلەر كۆپ

日期:2022年07月29日
来源:天山网
【字体:

7-ئاينىڭ 23-كۈنى، ساياھەتچىلەر تارباغاتاي ۋىلايىتى چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ جاڭا جەر يېزىسى ئالغا باسار كەنتىنىڭ كەچلىك بازىرىدا ساياھەت قىلماقتا.

2022-يىلى، چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ جاڭا جەر يېزىسى ئالغا باسار كەنتى 3-تۈركۈمدە ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت-بازار (يېزا)تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. چاغانتوقاي ناھىيەسى ساياھەتچىلىككە پايدىلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەتراپساياھىتى، يېقىن شەھەر ئەتراپى ساياھىتى، شەھەر ئىستىراھەت ساياھىتىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ سىجىل جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلارياڭ خۇاگۇاڭ، جاڭ لەن)

ساياھەتچىلەر ئالغا باسار كەنتىدىكى مېۋىلىك باغدا مېۋە ئۈزمەكتە.

ساياھەتچىلەر ساياھەت «كىچىك پويىزى»غا ئولتۇردى.

ساياھەتچىلەر دېھقانلار ئارامگاھىدا مەززىلىك تائاملارنى يېمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى