شىنخۇا پۈتۈن تاراتقۇ + | «جۇڭگو تيەنيەن» تۇرۇشلۇق جاي: يېرى ئۈنۈمسىز كەنت-بازاردىن ئاسترونومىيە كىچىك بازىرىغىچە

日期:2022年07月28日
来源:天山网
【字体:

چاتما سۈرەت: يۇقىرىدىكىسى 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان كېدۇ بازىرى خاڭلۇڭۋەن ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى؛ تۆۋەندىكىسى 2022-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان كېدۇ بازىرى خاڭلۇڭۋەن ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى.

2007-يىلى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى پىڭتاڭ ناھىيەسى «جۇڭگو تيەنيەن» سۇپىسى ئەتراپىدىكىئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى. «جۇڭگو تيەنيەن»نىڭ ئەتراپىدىكى 30 كىلومېتىر دائىرە ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى تىنچ رايونى، بەش كىلومېتىر دائىرە يادرولۇق رايون قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، كېدۇ بازىرى ۋە تاڭبيەن بازىرىدىكى جەمئىي 1410 ئائىلىلىك 6633 كەنت ئاھالىسى تاغدىن كۆچۈپ چىقتى.

«جۇڭگو تيەنيەن»گە تايىنىپ، پىڭتاڭ ناھىيەسىنىڭ كېدۇ بازىرىدا 2015-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش باش تېما قىلىنغان ئۆزگىچە ئاسترونومىيە بازىرى قۇرۇلۇشى باشلاندى. ھازىر، ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن تۈرلەردىن ئاسترونومىيە ۋاقىت-بوشلۇق مۇنارى، ئاسترونومىيە ھېس قىلىش سارىيى ۋە ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىش، ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق 20 نەچچە تۈر بار. ئەينى يىلى تاغدىن كۆچۈپ چىققان نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئاسترونومىيە كىچىك بازىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىگىلىك تىكلىدى. يېرى ئۈنۈمسىز كەنتتىن ئاسترونومىيە كىچىك بازىرىغىچە، كېدۇ بازىرى «جۇڭگو تيەنيەن»گە تايىنىپ ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇردى.

7-ئاينىڭ 19-كۈنى، بىر كەنت ئاھالىسى كېدۇ بازىرى مائەن مەھەللىسىدىكى بىر كەشتىچىلىك زاۋۇتىدا ئىشلىمەكتە.

7-ئاينىڭ 20-كۈنى، بىر ئېكسكۇرسىيەچىئاسترونومىيە كىچىك بازىرىدىكى «تيەنيەن نۇرسارىيى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئاسترونومىيە كىچىك بازىرىدىكى «ئاسترونومىيە ھېس قىلىش سارىيى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 19-كۈنى، 30 ياشلىق ياڭ لى (ئالدىدا) كېدۇ بازىرى مائەن مەھەللىسىدىكى كەشتىچىلىك زاۋۇتىدا خىزمەت قىلماقتا. ياڭ لىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر «جۇڭگو تيەنيەن»نىڭ «داۋوداڭ» دېگەن يېرىدە تۇرىدىغان 12 ئائىلىلىكنىڭ بىرى ئىدى. 2009-يىلى، ياڭ لىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كېدۇ بازىرىدىكى كۆچۈرۈلگەنلەرنىئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ياڭ لى كېدۇ بازىرى مائەن مەھەللىسىدىكى بىر كەشتىچىلىك زاۋۇتىدا باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى.

7-ئاينىڭ 19-كۈنى، 76 ياشلىق خۇاڭ شياۋمېي (ئوڭدا) ئېرى بىلەن ئۆيىنىڭ بالكونىدا ئارام ئالماقتا. خۇاڭ شياۋمېي 2016-يىلى 7-ئايدا «جۇڭگو تيەنيەن»نىڭ يېنىدىكى جىنكې كەنتىدىن كېدۇ بازىرى مائەن مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلگەن.

7-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئاسترونومىيە كىچىك بازىرىدىكى «ئاسترونومىيە ھېس قىلىش سارىيى»دا «جۇڭگو تيەنيەن» مودېلىنى كۆرمەكتە.

7-ئاينىڭ 19-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان ئاسترونومىيە كىچىك بازىرىدىن بىر كۆرۈنۈش(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئاسترونومىيە بازىرىدىكى «ئاسترونومىيە ھېس قىلىش سارىيى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 19-كۈنى، 32 ياشلىق ليۇ چېڭلياڭ ئائىلىۋى مېھمانخانىسىدا تېلېسكوپنى تەڭشىمەكتە. 2016-يىلى، ليۇ چېڭلياڭ چيەنجىنكەنتىدىن خاڭلۇڭ كەنتىدىكى شىڭجى جيايۈەنگە كۆچۈپ كەلگەن ھەم ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيىنى ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارىتى قىلىشقا ئىشلەتكەن. ھازىر، ليۇ چېڭلياڭ تىجارەت قىلىۋاتقان ئائىلىۋى مېھمانخانىدا 14 ياتاق بار بولۇپ، ھەر يىلى ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلىدە، بۇ يەرگە كېلىپ قونىدىغانلار %80تىن ئاشىدۇ.

7-ئاينىڭ 19-كۈنى، 32 ياشلىق ليۇ چېڭلياڭ ئائىلىۋى مېھمانخانىسىدا تېلېسكوپنى تەڭشىمەكتە. 2016-يىلى، ليۇ چېڭلياڭ چيەنجىنكەنتىدىن خاڭلۇڭ كەنتىدىكى شىڭجى جيايۈەنگە كۆچۈپ كەلگەن ھەم ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيىنى ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارىتى قىلىشقا ئىشلەتكەن. ھازىر، ليۇ چېڭلياڭ تىجارەت قىلىۋاتقان ئائىلىۋى مېھمانخانىدا 14 ياتاق بار بولۇپ، ھەر يىلى ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلىدە، بۇ يەرگە كېلىپ قونىدىغانلار %80تىن ئاشىدۇ.

7-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئاسترونومىيە كىچىك بازىرىدىكى «تيەنيەن نۇر سارىيى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 19-كۈنى، 30 ياشلىق ياڭ لى كېدۇ بازىرى مائەن مەھەللىسىدىكى كەشتىچىلىك زاۋۇتىدا خىزمەت قىلماقتا. ياڭ لىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر «جۇڭگو تيەنيەن»نىڭ «داۋوداڭ» دېگەن يېرىدە تۇرىدىغان 12 ئائىلىلىكنىڭ بىرى ئىدى. 2009-يىلى، ياڭ لىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كېدۇ بازىرىدىكى كۆچۈرۈلگەنلەرنىئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ياڭ لى كېدۇ بازىرى مائەن مەھەللىسىدىكى بىر كەشتىچىلىك زاۋۇتىدا باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ئوۋ دۇڭچۈ فوتوسى