چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت — شىنجاڭ ياخشى جاي» شەنبە كۈنى تۇنجى مەيدان قويۇلىدۇ!

日期:2022年07月27日
来源:天山网
【字体:

دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك تۈزۈش ۋە ئىجاد قىلىشكوللېكتىپىنىڭ يېتەكچىلىكىدەئىجاد قىلىنغانۋە رېپېتېتسىيە قىلىنغان،200دىن ئارتۇق ناخشىچى، ئۇسسۇلچى، مۇزىكانتنىتەشكىللەپ، تۆت ئاي يېپىق ھالەتتە يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش،شۇنداقلا يېرىم يىلغا يېقىن تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەن،بىر مەيدان چوڭ تىپتىكى مۇزىكا، ئۇسسۇل، شېئىر، رەسىم ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەتشىنجاڭ ياخشى جاي» پات ئارىدا كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ!

ئويۇندىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى ئالدىن بىلىۋېلىڭ

بۇ ئويۇندا ئۇسسۇل، ناخشا، ئوركېستىر، مۇزىكىلىق تىياتىر، مۇزىكىلىق شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل بەدىئىي ئىپادىلەش شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مۇقەددىمە، «تىيانشاندىكى لەرزان ئۇسسۇل»، «يېڭى يىپەك يولىدىكى ناخشا ساداسى»، «تەسىرلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھېسسىياتى»، «كوئېنلۇنغا مۇھەببەت سىمفونىيەسى»، خاتىمەدىن ئىبارەت ئالتە بۆلەكتىنتەركىب تاپقان، پۈتۈن مەيدان ئويۇن تەخمىنەن 90 مىنۇت داۋاملىشىپ، نادىر نومۇرلار ئورۇنلىنىدۇ.

«جۇلا» ئۇسسۇلىدىن كۆرۈنۈش

ليۇ پېڭ فوتوسى

ئويۇن مەزمۇنىدا 13-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئۇسسۇل «نېلۇپەر مۇكاپاتى» مىللىيخەلق ئۇسسۇلى ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەر «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت»، ئون ئىككى مۇقامنىڭ كىلاسسىك بۆلىكى «جۇلا»، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى قىزىل مىڭئۆي سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «كۈسەن مۇزىكا-ئۇسسۇللىرى»، دۇنيا دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى «ماناس» ئېيتىشقاتارلىقلار بار بولۇپ، كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ يېڭىدىن تۈزۈلگەننۇسخىلىرى، شۇنداقلايېڭىلىق يارىتىلغان نومۇرلارمۇبار.

داپ ماھارىتى

ليۇ پېڭ فوتوسى

بۇ قېتىمقى ئويۇندائېلېكتىرلىك ئاۋاز ئېلىش شەكلى بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئۇسسۇل، ناخشا-مۇزىكا، تىياتىر، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئوركېستىرنەق مەيدانداتەڭكەش قىلىدۇ، كۆپ خىلسەنئەت شەكلىنى بىرىكتۈرۈشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە مەزمۇن جەھەتتىكىموللۇقى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، بۇ خىل لايىھە شىنجاڭ ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكىلىرىنىڭئەسلىئىپادىلىنىش شەكلى ۋە كۈچلۈك سەنئەت ئەمەلىي كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە نامايان قىلىدۇ.

«كۈسەن مۇزىكا-ئۇسسۇللىرى»دىن كۆرۈنۈش.

ليۇ پېڭ فوتوسى

ئىجاد قىلىش، ئورۇنلاش قوشۇنى كۈچلۈك

بۇ قېتىمقى ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنىنىڭ باش رېژىسسورى دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رېژىسسور شىڭ شىمياۋ بولۇپ، ئىلگىرى توققۇز قېتىم چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئۇسسۇل باش نازارەتچىسى، چوڭ تىپتىكى ئىجادىي ئۇسسۇللۇق تىياتىر «جاڭ چيەن»نىڭ باش رېژىسسورلىقىۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان؛ دۆلەتلىك1-دەرىجىلىك سېنارىست، چوڭ تىپتىكى سېرك ناخشا-ئۇسسۇلئويۇنى «تاغ-دەريالار خۇددى رەسىمدەك گۈزەل»نىڭ باش رېژىسسورى گاۋ شەن بۇ قېتىمقى ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنىنىڭ ئۇسسۇل باش نازارەتچىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى؛ دۆلەتلىك1-دەرىجىلىك ئۇسسۇل لايىھەلىگۈچى، جۇڭگو سەھنە گۈزەل سەنئەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ليۇ ۋېنخاۋ چىراغ نۇرى لايىھەلەش باش نازارەتچىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

باش رېژىسسور شىڭ شىمياۋ.

مەركىزىي مىللىيئوركېستىرنىڭ باش دىرىژورى ليۇ شائوركېستىرنىڭ دىرىژورلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقاتەكلىپ قىلىندى، دۆلەتلىكدىراما يۇرتىنىڭرېژىسسورى بەي خاۋتيەن تىياتىرباش نازارەتچىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، داڭلىق كىيىم لايىھەلىگۈچى ئاكۈەن كىيىم لايىھەلىگۈچىلىكنى ئۈستىگە ئالدى، داڭلىق كۆپ ۋاسىتىلىكسىنلايىھەلىگۈچىسى ياڭ دۇڭلياڭ كۆپ ۋاسىتىلىك لايىھەلىگۈچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

«ماناس» ئېيتىش.

دوۋ شىنجۈن فوتوسى

پۈتۈن شىنجاڭدىكىمۇنەۋۋەر ئارتىسلارجەم قىلىنىپ، يېپىق ھالەتتە يىغىپ مەشىقلەندۈرۈلدىۋە تاللاندى، ئوركېستىرنىڭ كانايلىق چالغۇلار ئويۇنىبۆلىكىگەسىچۇەن ئۆلكىلىك سىمفونىيە ئوركېستىرىدىكىمۇنەۋۋەر ئارتىسلار ياردەمگە تەكلىپ قىلىندى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ قېتىمقى ئويۇنغا قاتناشقان ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئارتىسلىرى.

بۇ ئويۇن شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىپ، ناخشا-ئۇسسۇلتىلى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئوبرازىنىئومۇميۈزلۈك ئىپادىلەپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ روھىي قىياپىتىنى ھەرتەرەپلىمە،تولۇق كۆرۈنۈشتەنامايان قىلىدۇ.

بىز بىرلىكتە تىياتىرخانىغا كىرىپ نەچچە مىڭ ئادەم ئورتاق تىرىشىپ بارلىققا كەلتۈرگەنبۇ كاتتا سەھنە زىياپىتىدىن ھۇزۇرلىنايلى!

ئويۇن ئۇچۇرى

بۇ قېتىمقى ئويۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە قويۇلغاندىن كېيىن،داۋاملىق تۈردەگۇاڭجوۋ، شېنجېن، خاڭجوۋ، جىنخۇا، بېيجىڭ، شىجياجۇاڭ، تيەنجىندە سەييارەقويۇلىدۇ.

سەييارە ئويۇن قويۇش مەزگىلىدە گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلىدىغان فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ سوۋغات بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى سەر خىلئەسەرلەر كۆرگەزمىسى ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت شىنجاڭ ياخشى جاي» جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدىغان، شىنجاڭنىڭ ئاۋازىنى تارقىتىدىغان، شىنجاڭنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىدىغان كاتتا سەھنە زىياپىتى بولۇپ قالغۇسى.

«جۇلا» ئۇسسۇلىدىن كۆرۈنۈش.

ليۇ پېڭ فوتوسى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئويۇن قويۇش ئۇچۇرى

ئويۇن قويۇش ۋاقتى: 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە ھەر كۈنى كەچتە قويۇلىدۇ.

ئورنى: ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسى (شىمىگۇ رايونى فېڭچى كوچىسى 11-نومۇر )

بېلەت باھاسى: 80 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە

بېلەت سېتىۋېلىش ئۇسۇلى: 91 بېلەت ئىشلىرى (91票务)

(ۋىيشىنسۇپىسى ياكى ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسىدىنئىزدىسڭىز بولىدۇ)

بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق بېلەت سېتىۋېلىش: m.0991piao.com

بېلەت ئىشلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش تېلېفونى: 4885891 - 0991