ئاكتىپ كۈچكە تولغان بىر مەيدان ئەدەبىيات ـ سەنئەت چوڭ مەشىقى

日期:2022年07月27日
来源:天山网
【字体:

ئاكتىپ كۈچكە تولغان بىر مەيدان ئەدەبىيات ـ سەنئەت چوڭ مەشىقى

− «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» رېپېتىتسىيەسىدىن كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىم

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

«بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، ئەي...» تونۇش ناخشا ساداسى، لەرزان مېلودىيە، 200دىن ئارتۇق ناخشىچى، ئۇسسۇلچى، سازەندىلەر ئىككى كۈندىن بۇيان پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەمكارلىشىپ رېپېتىتسىيە قىلىپ، ئۈرۈمچى چوڭ تىياتىرخانىسىدا تۇنجى قېتىم قويۇلىدىغان ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئويۇنى «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي»نىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈچەش باسقۇچىغا ئاتلاندى.

بۇ ئويۇننى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئورتاق بەرپا قىلغان، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرىنچى قاتاردىكى تۈزگۈچى ۋە رېژىسسورلار كوللېكتىپى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئەدەبىيات ـ سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ بىرىنچى قاتاردىكى ئويۇن قويۇش قوشۇنى توپلانغان، كۆپچىلىك «ئاكتىپ كۈچكە تولغان چوڭ مەشىق» دېگەن سۆز ئارقىلىق نومۇر ئورۇنلاش جەريانىنى سۈپەتلىدى.

بۇ قېتىمقى ئويۇن قويۇش ئوركېستىرغا نىسبەتەن ناھايىتى زور سىناق، شۇنداقلا ئىقتىدار جەھەتتە تېپىلغۇسىز ئۆسۈش ھېسابلىنىدۇ. مەركىزىي مىللىي ئوركېستىرىنىڭ دائىمىي دىرىژورى ليۇ شا مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم ئوركېستىر نەق مەيداندا ناخشا، ئۇسسۇل، شېئىرغا تەڭكەش قىلىدۇ، بۇ نوقۇل ھالدىكى مۇزىكا كېچىلىكى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، بىز ھەم ئوركېستىرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەرقايسى بۆلەكلەرنىڭ ماسلىشىشىنى ئويلىشىشىمىز، يەنە ئۇسسۇل ۋە ناخشىلىق مۇزىكا ئارتىسلىرىنىڭ ئورۇنلاش رىتىمىنى نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك، بۇ ھەمكارلىق جەريانى ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، قايتا ـ قايتا مەشىق قىلىشقا، ئورۇننى ئاز ـ ئازدىن توغرا تېپىشقا تايىنىمىز».

بۇنىڭدىن بۇرۇن، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوركېستىر مۇزىكا ئۆمىكى بىلەن مىللىي ئوركېستىر كۆپ قېتىم ئوركېستىر مۇزىكىسى ۋە مىللىي مۇزىكىلار ھەمكارلىقىدىكى مۇزىكا كېچىلىكىنى ماسلىشىپ تاماملىغان. «شىنجاڭنىڭ مىللىي مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلاشتا بەلگىلىك ئىختىيارلىق ۋە ئازادىلىك بار، كۆپىنچىسىدە ئېنىق بىرلىككە كەلگەن كۈي شەكلى سىستېمىسى يوق، لېكىن ئوركېستىر مۇزىكىسىنىڭ كۈي شەكلى ئاساسى بار، ئىككىسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پەقەت دىرىژور، مۇزىكا ماسلاشتۇرغۇچى كۈينى ئۈزلۈكسىز ئانالىز قىلىپ، مۇۋاپىق ئوركېستىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ئىككىسىنىڭ يوشۇرۇن مۇناسىۋىتىنى تېپىپ، ئاڭلاش، چېلىش، ئىزدەش، بىرىكتۈرۈش جەريانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ» دېدى ليۇ شا.

بىرلەشمە رېپېتىتسىيە نەق مەيدانىدا جاراڭلىق ئېيتىلغان «ماناس» ياڭرىدى، باش رېژىسسور شىڭ شىمياۋ چاۋاك چالغىنىچە مۇنداق دېدى: «خاسلىقى روشەن، كەيپىيات كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، تولىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە».

پامىر ئېگىزلىكىدىن كەلگەن ئاسىلبېك مەمەتروزى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ تۈزگۈچىسى ۋە رېژىسسورى، شۇنداقلا ماناسچى (مەخسۇس «ماناس» ئېيتىدىغان ناخشىچى.) «بۇ مەيدان ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىش مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك، شىنجاڭنىڭ خەلق سەنئىتى نادىر ئەسەرلىرىنى نامايان قىلىدىغان سەھنىدە، «ماناس»نى كۆپچىلىككە ئېيتىپ بەرگەنلىكىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن» دېدى ئاسىلبېك.

ئاسىلبېك بىلەن ھەمكارلاشقانلاردىن ھەم ئۇ تۇرۇشلۇق ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى خىزمەتداشلىرى، ھەم ئالتاي ۋىلايەتلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى چالغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار قومۇز، دومبىرا، قوبۇز، سىبۇزغې، ئېغىز تارىسى قاتارلىق شىنجاڭ چالغۇلىرى بىلەن ماسلاشقان تەسىرلىك مېلودىيەنى ياڭراتتى.

ئارسىن باقىت ئالتاي ۋىلايەتلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ چالغۇچىسى، ئۇ زامانىۋى تۇيغۇغا تويۇنغان ئورۇنلاش ھالىتى بىلەن قەدىمىي قوبۇزنى ياڭراتتى. «بۇ سەھنە مىللەتلەر خەلق چالغۇلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن زور نامايان قىلىش بوشلۇقى يارىتىپ بەردى، ئارىلىقنىڭ قانچىلىك ئۇزاق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تاماشىبىنلارغا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىپ قالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.» ئۇ قوبۇزنى قولىغا ئېلىپ مۇنداق تونۇشتۇردى: «قوبۇزنى تۈز قويغاندا، چالغۇ گەۋدىسىنىڭ خۇددى پەرۋاز قىلىۋاتقان ئاق قۇغا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، مەنىسى ناھايىتى گۈزەل، قوبۇزدا چېلىنغىنى يايلاقتىكى تەبىئىي سادا».

ئۇسسۇل، ناخشا، بىرلىشىپ مۇزىكا ئورۇنلاش، مۇزىكىلىق تىياتىر، مۇزىكا تەڭكەش قىلىنغان شېئىر دېكلاماتسىيەسى قاتارلىق كۆپ خىل بەدىئىي ئىپادىلەش شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئويۇن 7 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىدىن 8 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنىگىچە ئۈرۈمچى چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۇدا ئالتە مەيدان قويۇلىدۇ. 8 ـ ئاينىڭ بېشىدا پۈتۈن مەملىكەتتە سەييارە ئويۇن قويۇشنى باشلاپ، گۇاڭجوۋ، شېنجېن، خاڭجوۋ، تيەنجىن، شىجياجۇاڭ، بېيجىڭلارغا بېرىپ ئارقا ـ ئارقىدىن ئويۇن قويۇش پىلانلاندى.