قاراقاش ناھىيەسىدىكى كىچىك يېزا-كەنتلەرنىڭ سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى يازلىق ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى

日期:2022年07月26日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئابلىز مۇرات، خۇي فېڭلېي) 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، قاراقاش ناھىيەسى ياۋا يېزىسى قوغداي كەنتىدە، تەبىئىي سۇ رايونىدىكى سۇنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، قومۇش، ئېتىز-ئېرىقلار بىلەن ئۆزئارا گىرەلىشىپ ئىنتايىن گۈزەل سىياھ رەسىمنى ھاسىل قىلغانىدى. ھازىر، بۇ جايدىكى ئۈزۈملەر پىشىش مەزگىلىگە كىرىپ، سۇ بويىدىكى ئۈزۈم كارىدورىدىكى ساپاق-ساپاق ياپيېشىل ئۈزۈملەر كىشىنى تېتىپ بېقىشقا جەلپ قىلدى. بالىلار كۆڭۈل ئېچىش رايونىدا بالىلارنىڭ كۈلكە ساداسى ھەممە يەرنى قاپلاپ، بالىلار بۇ يەردە ناھايىتى خۇشال ئوينىدى، ياز كۈنلىرىدىكى بۇ گۈزەل مەنزىرەكىشىگە راھەتلىك ۋە خۇشاللىق بېغىشلىدى.

ساياھەتچى خۇي يەنزۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يەر ھەقىقەتەن بەك سالقىنكەن، بۈگۈن دوستلىرىم بىلەن بۇ يەردە كاتېرغا ئولتۇرۇپ، سۇ ئۈستىدىكى ئاشخانىدادېھقانلارنىڭ مەززىلىكتائاملىرىغا ئېغىز تېگىپ، ناھايىتى خۇشال ئوينىدىم».

فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى ئابلىز مۇرات مۇنداق دېدى: «مەن ئادەتتە تەبىئىي مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتىشنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ يەرنى سۈرەتكە تارتسا ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق چىقىدىكەن، مەن فوتو ئاپپاراتىم ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى خاتىرىلەيمەن».

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئاچقۇچ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە قاراقاش ناھىيەسى ياۋا يېزىسى قوغداي كەنتىدە تۇرۇشلۇقخىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، نۆۋەتتە، قوغداي كەنتى تەبىئىي سۇ رايونىنىنۇقتا قىلىپ، يېزا-كەنت خاس ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى، سۈزۈك سۇ دېھقانلار ئارامگاھى بەرپا قىلىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق رايونى، سۇ ئۈستى يېمەك-ئىچمەك رايونى، ئايرىمخانا شەكلىدىكى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت رايونى، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش رايونى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلدى، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق ئېكولوگىيەنى قوغداپلا قالماي، يەنە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ جايدىكى 25 كىشىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى ئايلىق مائاشىنى 5000 يۈەندىن كۆپرەككە يەتكۈزدى. دېھقانلار ئارامگاھلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى يازدا سالقىندايدىغان ياخشى جايغا ئايلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، بۇ يەردە كۈنىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 1000 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىندى.

خىزمەتچى خادىم مەمتىمىن ياسىن مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۆيۈم مۇشۇ ئەتراپتا، مەن بۇ دېھقانلار ئارامگاھىدا ئىشلەپ، بىر ئايدا 5000 يۈەن كىرىم قىلىمەن، ئۆيۈمگە يېقىن، مائاشىممۇ يۇقىرى، ناھايىتى قولايلىق. مەن كۆمەچ ۋە بېلىق كاۋىپى پىشۇرۇشقا ئۇستا، ھازىر تۇرمۇش شارائىتىم ياخشىلاندى، ساياھەتكە كېلىدىغانلارمۇ ئىنتايىن كۆپ، كۆپچىلىكنىڭ مەن ئەتكەن تاماقلارغا بەرگەن باھاسىمۇ يۇقىرى، مەن ھەقىقەتەن خۇشال!»

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە قاراقاش ناھىيەسى ياۋا يېزىسى قوغداي كەنتىدە تۇرۇشلۇقخىزمەت ئەترىتىنىڭ 1-شۇجىسى يارمەمەت ئىسرائىل مۇنداق دېدى: «چەكلىك بولغان سۇ رايونى بايلىقىدىن قانداق پايدىلانغاندا، ئاندىن يېزا-كەنت ساياھىتىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ مانا بۇ كەنتىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. بىز تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا-كەنت ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، قوغداي كەنتىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى يولىنى تېخىمۇ ئۇزۇن، تېخىمۇ مۇقىم قىلىمىز.»

مەنبە: قاراقاش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى