«تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شاد - خۇراملىققا تولغان شىنجاڭنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز»

日期:2022年07月26日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ

«بۇ چالغۇنىڭ ئىسمى نېمە؟» «بۇ چالغۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى قانچىلىك كېلىدۇ؟» «ئىككى تال تارىدىلا شۇنچە مۇڭلۇق مۇزىكىنى چالغىلى بولىدىكەن، سىزدىن ئۆگىنەيمىكىن دەيمەن.» تور رىياسەتچىسى جېررۇي يېقىندا گىتار چېلىشنى ئۆگىنىۋاتقانىدى، ئۇ دۇتتاردا چېلىنغان شادىيانە مۇزىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا چوڭقۇر مەپتۇن بولۇپ، چالغۇ دۇكىنىنىڭ ئىگىسى روزى سىدىقتىن دۇتتار چېلىش ئۇسۇلى ھەققىدە تەلىم ئالدى. 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، «2022 - يىلى جۇڭگودا ئۇچرىشىش» خەلقئارا تاراتقۇلار باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان جۇڭگودىكى چەت ئەللىك تور داڭلىق شەخسلىرى ۋە جۇڭگو تور تاراتقۇ مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ 25 كىشى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيەدە بولدى.

شۇ كۈنى، سودىگەرلەر بالدۇرلا ئىشىكنى ئېچىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. سائەت 11 بولمايلا، جاي - جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كەلدى. پىيادىلەر كوچىسىنىڭ مەركىزىدىكى سەھنىدە ئوينىلىۋاتقان قىزغىن ئۇسسۇل، ئاڭلىنىۋاتقان شادىيانە ئۇسسۇل مۇزىكىسى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

«مەن مەززىلىك تائاملار ۋە ساياھەت رىياسەتچىسى، مەن شىنجاڭدىكى سەپىرىمگە نىسبەتەن ناھايىتى ئۈمىدكە تولدۇم، باشقا جايلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان مەززىلىك تائاملار ۋە گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە ئېلىپ، كامېرا ئارقىلىق تورنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا تارقىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شاد - خۇراملىققا تولغان شىنجاڭنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.» جېررۇي كېيىنكى قەدەمدىكى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىش سەپىرىگە ناھايىتى تەقەززا بولدى، ئۇ كەڭرى يايلاقتا ئات چاپتۇرۇش تۇيغۇسىغا ئىنتىزار بولدى.

تور رىياسەتچىسى راففېل ۋېنېزۇئېلادىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا مول خاسلىققا ئىگە ئىمارەتلەرگە مەپتۇن بولدى، ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرغان كىشىلەرنى كۆرۈپ، تەقەززالىق ئىلكىدە ياردەمچىلىرى بىلەن قىسقا سىن ئېلىشقا باشلىدى. «كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مەن ھازىر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا، بۇ جايدىكى قاينام - تاشقىنلىق بۇ شەھەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى، كامېرايىمغا ئەگىشىپ، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭلار.» راففېل بالدۇرلا شىنجاڭ سەپىرىگە تەييارلىق قىلىپ، توردىن شىنجاڭنىڭ ئادىمىيەت جۇغراپىيەسى، تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ - ئادىتىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى سۈرۈشتۈرۈپ، تورداشلار بىلەن كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانىدى. «مەن ئىمكانقەدەر كۆپرەك سىنغا ئېلىپ، كامېرا ئارقىلىق تورداشلارغا ھەقىقىي شىنجاڭنى چۈشەندۈرىمەن، سىن ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى راففېل.

شىنجاڭغا كېلىپ مېۋە - چېۋىلەرنى تېتىپ باقمىساق قانداق بولىدۇ؟ تاۋۇز، توقاچ شاپتۇل، ئۈزۈم ... ئەپەندى مېۋە - چېۋە بازىرىدا، جۇڭگودىكى چەت ئەللىك تور داڭلىق شەخسلىرى ۋە جۇڭگو تور تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شىنجاڭ مېۋە - چېۋىلىرىنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىپ، شىنجاڭدىكى باغۋەنلەرنىڭ قانداق قىلىپ ئەمگەكچان ئىككى قولى ئارقىلىق شېرىن تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدى.

«گەرچە مېنىڭ جۇڭگوغا كەلگىنىمگە تۆت يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم، كۆپ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلىشىم. بۇ يەردىكى مەززىلىك تائاملار، چالغۇلار ماڭا ناھايىتى يېڭىلىق تۇيۇلدى، بۇ بىر ناھايىتى ئەھمىيەتلىك كەچۈرمىش بولدى، مەن تورداشلارغا بۇ ئاجايىپ سەپەرنى نامايان قىلىمەن.» خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ساياھەت قىلىش ۋە سۈرەتكە ئېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئەنگىلىيەلىك ئادام دائىم سەپىرىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر ۋە مەززىلىك تائاملارنى ھەمبەھرىلەپ كەلدى.