تېكەس ناھىيەسىدە: خىزمەت ئەترىتى پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىي ساياھەت قىلىشقا كۈچ قوشتى

日期:2022年07月25日
来源:天山网
【字体:

«خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش» پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تېكەس ناھىيەسىنىڭ قارادالا بازىرى قايىڭدى قۇشتاي كەنتىدىكى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت پونكىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى تەشكىللەپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمىتى ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇردى.

پائالىيەتتە، پىدائىيلار ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش، قاتناشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ساياھەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ساياھەتچىلەرگە مەدەنىي ساياھەت قىلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ساياھەت مۇھىتى ياراتتى، يەنە ساياھەتچىلەرنىڭ ساغلاملىق كودىنى توغرا ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرىپ، ساياھەتچىلەرگە مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە دىققەت قىلىش، ئاڭلىق ھالدا ماسكا تاقاشنى ئەسكەرتتى.

پائالىيەتنىڭ سىجىل قانات يايدۇرۇلۇشىساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈردىۋە مەدەنىي ھەرىكەت ئادىتىنى شەكىللەندۈردى،مەدەنىي ساياھەتنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى، پىدائىيلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار مۇلازىمىتى روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، بۇ قايىڭدې قۇشتاي كەنتىدىكى ئۆزگىچە مەنزىرە بولۇپ قالدى، قايىڭدې قۇشتاي كەنتى مەدەنىي ساياھەت قىلىشتىكى يېڭى نام كارتىسىغا ئايلاندى.

قايىڭدې قۇشتاي كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ھەسەن مۇنداق دېدى: «مەدەنىي ساياھەت قىلىش ھەربىر ساياھەتچىئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەت، بىز مەدەنىي ساياھەت قىلىش روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى، مەدەنىي ساياھەت قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىشنى، مەنزىرە رايونىدا خالىغانچە ياماشماسلىقنى، قوغدىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسكا تاقاشنى، قولىنى پات-پات يۇيۇشنى، ئادەم كۆپ جايدىن يىراق تۇرۇشنى، پۈتۈن لىنىيە بويىچە بىر مېتىر بىخەتەر ئارىلىقنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىمىز؛ مەنزىرە رايونىنىڭ مەدەنىيلىكقائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، «يۇقۇم»غا مەدەنىي تاقابىل تۇرۇپ، ياخشى ھەرىكەت ئادىتى بىلەن ھەممە كىشىنى مەدەنىي، تەرتىپلىك ساياھەت قىلىشقا يېتەكلەيمىز. (تېكەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ ئىختىيارىي مۇخبىرى باغدات دولقۇن)