7- ئايدا تىيانشان تېغى تۆمۈر مەنزىرە رايونى . بوزدۆڭگە بېرىپ ئوتلاقتىكى پادىچى ناخشىسىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلايلى

日期:2022年07月22日
来源:天山网
【字体:

ئاپئاق بۇلۇتلار تاغ چوققىلىرىغا قونۇۋالغان، ئات- كالىلار قىيغىتىپ يايرىماقتا. 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى تىيانشان تېغى تۆمۈر مەنزىرە رايونىدىكى بوزدۆڭدە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى، كۆپكۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت ۋە كۆز يەتكۈسىز ئاقبۇلاق ئوتلىقى نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشتىكى، ئۆي ئاپتوموبىلى بىلەن ساياھەت قىلىشتىكى، دالىدا قونۇشتىكى ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى. ساياھەتچىلەر يا ئاپتوموبىلىنى چاپتۇرۇپ، يا ئاتنىڭ تىزگىنىنى قويۇۋېتىپ، تەبىئەت دۇنياسىدا سەيلە قىلغاچ، تاغ ھاۋاسىدىن قانغۇچە نەپەسلەندى، بۇنىڭدىن بىر پارچە قويۇق ئوتلاق پادىچى ناخشىسى يۆگىمە رەسىمى شەكىللەندى.