​شىنجاڭنىڭ مىللىيچە كىيىم-كېچەك ساھەسىدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر: «شىنجاڭدا تىكىلگەن»نى «شىنجاڭدا لايىھەلەنگەن»گە ئايلاندۇرىمىز

日期:2022年07月20日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى تېلېگراممىسى (مۇخبىر پەن چى) «ئەتلەس چىپاۋ، بادام گۈللۈك ئۇزۇن كۆڭلەك، كەشتىلەنگەن ئۆتۈك، مەن شىنجاڭنىڭ <ئالاھىدە مەھسۇلات>لىرىنى كىيىپ ئۆيگە قايتماقچى». جياڭشىلىق ساياھەتچى ليۇ لى شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشتىكى تۇنجى بېكىتىدە، ئۈرۈمچىدىكى بىر مىللىيچە كىيىم- كېچەكلەرنى ھېس قىلىش دۇكىنىغا بېرىپ، ئۆزى ئۇزاقتىن بۇيان ئىنتىزار بولۇپ كەلگەن يارىشىملىق مىللىيچە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيدى، «بۇ كىيىملەرنى كىيىپ خۇددى مەنمۇ بىر ئۇيغۇر قىزىدەك ئۆزۈمنى ناھايىتى گۈزەل ھېس قىلدىم».

يېقىنقى يىللاردا، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر نەزەرىنى مىللىيچە كىيىم-كېچەكلەرگە قاراتتى، ئۇيغۇر تاغا تۇرسۇنجان ئابلا دەل شۇلارنىڭ بىرى. «2021-يىلى، مەن شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا بۇ مىللىيچە كىيىم-كېچەك ھېس قىلىش دۇكىنىنى ئاچتىم.» ئۇ كەسپىي لايىھەلەش ئۆمىكىنىڭ ياردىمىدە، ھەر ئايدا بەش- ئالتە يۈرۈش يېڭى كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەتنى بازارغا سېلىپ، ئۇيغۇر مىللىتى، قازاق مىللىتى، تاجىك مىللىتىنىڭ تۇرمۇشىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش بوشلۇقىنى بەرپا قىلدى، دۇكان ئېچىلغاندىن بۇيان، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

7-ئاي كىرىشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئاكتىپلىق بىلەن «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا جەلپ قىلىپ»، كۆپ تۈرلۈك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇردى. «بىزنىڭ خېرىدارلىرىمىز كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ» دېدى تۇرسۇنجان ئابلا.

تايىرجان زۇنۇن بىلەن گۈلگىنە تاشمەمەت ئەر- خوتۇننىڭ كىيىم-كېچەك دۇكىنىدا، كىيىم-كېچەك سېتىۋالغىلى كەلگەن خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. «ئەتلەس چىپاۋ سېتىلىش مىقدارى ئەڭ ياخشى يەككە بۇيۇملارنىڭ بىرى.» گۈلگىنە تاشمەمەت جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئەتلەس ئۇيغۇر تىلىدا يۇمشاق، سىلىق، يەڭگىل، راھەت دېگەن مەنىدە، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان ئەتلەس توقۇش ھۈنەر-سەنئىتى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە.

گۈلگىنە تاشمەمەت مۇنداق دېدى: بىز ئەر- خوتۇن ئىككىمىز بىرلىكتە لايىھەلەيمىز، دۇكاندىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئەسلىي ئىجادىيەت نىسبىتى %80كە يېتىدۇ. ئەتلەسنى شەرق پۇرىقىغا تولغان چىپاۋ بىلەن ئەپچىللىك بىلەن يۇغۇرۇش كۆپ مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇكەممەل سىڭىشىشى ۋە يۇغۇرۇلۇشىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە ئەتلەسنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا ئەسلىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەرلىك كىيىم-كېچەك لايىھەلىگۈچى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، ئۇلار خام ماتېرىيال، توك باھاسى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە تايىنىپ، يەرلىك ماركىلارنىمۇ ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈردى» دېدى جۇڭگودىكى ئون مۇنەۋۋەر مودا كىيىم لايىھەلىگۈچى، شىنجاڭ كىيىم-كېچەك لايىھەلىگۈچىلەر جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى سۈن شيۇچىن.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق كەسپىدە كېۋەز تېرىش، پاختا پىششىقلاش، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، خىمىيەلىك تالا، بوياقچىلىق قاتارلىق بىرقەدەر مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن. بۇ، مىللىيچە كىيىم-كېچەكلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى ئاساس سالغان.

سۈن شيۇچىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ يەرلىك مىللىيچە كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ئىنتايىن ياخشى. بىزنىڭ ھازىر قىلىدىغىنىمىز «شىنجاڭدا تىكىلگەن»نى «شىنجاڭدا لايىھەلەنگەن»گە ئايلاندۇرۇش.