ئاقتۇ بازىرى سىزنى قارشى ئالىدۇ

日期:2022年07月15日
来源:天山网
【字体:
ئاقتۇ بازىرى نوقۇنچى ئېرىق كەنتىنىڭ ئاساسلىق يول بويلىرىدىكى تام سىزمىلىرى.

ئاقتۇ بازىرى قايچا ئېرىق كەنتىدىكى خېشيې شىپاڭى.

 مەمەتجان ئابلىمىت فوتوسى (ئاقتۇ ناھىيەسى ئاقتۇ بازىرىدا تارتىلغان)

مېنىڭ ئىسمىم مەمەتجان ئابلىمىت، ئاقتۇ ناھىيەسىدىن، ئاقتۇ ناھىيەپامىر يۇلتۇزى ساياھەت-تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى. بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئاقتۇ بازىرى نوقۇنچى ئېرىق كەنتى يېزا-كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنتتە موگۇ بازىرى دېھقانلار ئارامگاھى قۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈزۈش باغچىسى، بېلىق كۆلچىكى، باقمىچىلىق رايونى، بالىلارنى ئوينىتىشرايونى، ئېكسكۇرسىيە كارىدورى قاتارلىقلارنى بارلىققا كەلتۈردى، بۇ ساياھەت ئەسلىھەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى يېزا-كەنتلەرنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى.

موگۇ بازىرى دېھقانلار ئارامگاھىدا بۇ يىل 3-ئايدا تىجارەت باشلاندى، مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن موگۇ بازىرى دېھقانلار ئارامگاھىغا كېلىپدىرېكتور بولۇشنى ئىلتىماس قىلدىم. بۇ يەردە يېمەك-ئىچمەك، ئۈزۈش -تۇتۇش، ئىستىراھەت-كۆڭۈل ئېچىش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى بار، ھەپتە ئاخىرىداخېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. دېھقانلار ئارامگاھى يەنە مۇشۇ كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

ئاقتۇ بازىرى يەنە مۇھىتنى گۈزەللەشتۈردى، يوللارنى راۋانلاشتۇردى، كەنتتىكى ئاساسلىقيوللارنىڭ تاملىرىغا نۇرغۇن تام سىزمىلىرىنى سىزدى.

ئاقتۇ بازىرى بارغانسېرى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان بولدى، مېنىڭ كەيپىياتىممۇ بارغانسېرى ياخشى بولدى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئاقتۇ بازىرىمىزغا كېلىپ ساياھەت قىلىشىنى قارشى ئالىمەن.

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سارىنا رەتلىگەن)

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى