قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ساياھەت سانلىق مەلۇماتى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولدى

日期:2022年07月15日
来源:天山网
【字体:

​كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 8 مىليون 850 مىڭ ئادەم قېتىم، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 6 مىليارد 881 مىليون يۈەن بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىستاتىستىكا چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 8 مىليون 857 مىڭ 800 ئادەم قېتىم بولۇپ، سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.84 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 6 مىليارد 881 مىليون يۈەن بولۇپ، سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.86 ئاشقان.

پۈتۈن شىنجاڭدىكى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى ساياھەتچىلەر قىزغىن دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى. «شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» ئاقىل ساياھەت مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر بۇ سۇپا ئارقىلىق ئالدىن كېلىشىپ بېلەت سېتىۋېلىشتا ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان مەنزىرە رايونلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، نارات مەنزىرە رايونى، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى بولغان. سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى 60 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

شىنجاڭ قاراجون مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋۇ فېڭلى مۇنداق تونۇشتۇردى: 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنىلا، بۇ مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 10 مىڭ ئادەم قېتىم بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى %54.38نى ئىگىلەپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرغاندا %114.97 ئاشتى. قاراجون مەنزىرە رايونىدا لەيلەپ ئېقىش، فېيلادا قاتارلىق تۈرلەر پائالىيەت رايونىدا ساياھەتچىلەر ئۆچىرەتتە تۇرۇپ بۇ تۈرلەرنى ھېس قىلىپ بېقىشنى كۈتمەكتە ئىدى. مەنزىرە رايونىدىكى دۇلات ئات ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى دۇلات قىزىرقان ئاتلار ۋە مۇلازىمەت خادىملىرىنى ماسلاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى، «ھەر كۈنى 600دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىمىز، بۇ ئادەتتىكىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولدى، پۇلنىمۇ بىر ھەسسە كۆپ تاپتۇق».

تاغدىكى ئائىلىۋى مېھمانخانا، گۈل - گىياھلارنى تاماشا قىلىش، مېۋە ئۈزۈش، تېرىقچىلىقنى تەتقىق قىلىش خاراكتېرلىك ئۆگىنىش قاتارلىق يېشىل، ساغلام بولغان ئىستىراھەت ھېس قىلىش پائالىيەتلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئالتاي شەھىرىنىڭ ئاۋىيتان بازىرى شۆدوۋ كەنتىدىكى كەچلىك بازاردا چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان بولۇپ، كىشىلەر مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، ئېسىل مەيلەرنى تېتىپ، كېچە مەنزىرىسى، كېچە نەغمىسىدىن زوق ئېلىپ، ياز كېچىسىنىڭ سالقىن ھاۋاسىدىن ھۇزۇرلاندى. «كەچ سائەت 10دىن سەھەر سائەت 2گىچە مېھمان ئۈزۈلمەيدۇ، بەزىدە يەنە ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئورۇن ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.» كەچلىك بازاردا تىجارەت قىلىۋاتقان كەرىمە ئابدۇرۇسۇل مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە كۈندە ھەر كۈنى 20 كىلوگىرام قېتىق ساتتۇق، بۇ ئادەتتىكىدىن %50 كۆپ بولدى. بۇ يىل شۆدوۋ كەنتى ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت بولۇپ باھالاندى، بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قايرات تاسقىن مۇنداق تونۇشتۇردى: كەنت «ھەمبەھرە كۆكتاتلىق» ئېچىپ، ئات ئەترىتى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە ئېتىز ۋە باغدا كۆكتات، مېۋە - چېۋە ئۈزۈش تۈرى، ئات مىنىش تۈرلىرىدە ئوخشاش بولمىغان خۇشاللىقلارنى ھېس قىلدۇردى.

ھەرقايسى جايلاردا ئائىلىۋى مېھمانخانا قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، ئائىلىۋى ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدىكى ئۈزۈش، كاۋاپ پىشۇرۇش، دالا تامىقى ئېتىش قاتارلىق ئىستىراھەت شەكلىدە ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي بازىرى تاراتى كەنتىدىكى قارا يورغا شياۋجەن ئائىلىۋى مېھمانخانىسىنىڭ ئىگىسى چالقار بىمول مۇنداق دېدى: «يېرىم ئاي ئىلگىرىلا بەزىلەر ياتاق زاكاز قىلغاچقا ئائىلىۋى مېھمانخانا توشۇپ كېتىپ، نۇرغۇن ساياھەتچى كىگىز ئۆي زاكاز قىلدى.» كۆكتوقاي ناھىيەسى يەنە گۈل سەيلىسى بايرىمى، ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەينى - كەينىدىن ئۆتكۈزدى، بۇمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش داۋاملىق قىزىدى. قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سائەت 18دىن 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سائەت 18گىچە قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلگەن بولۇپ، نىلقا ناھىيەسىدىكى چورمىغا كىرگەن - چىققان ئاپتوموبىل 15 مىڭ 796گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە مايتاغ تەرەپتىن مايتاغ - كۇچا تاشيولى ئارقىلىق ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا كىرگەن ساياھەت ئاپتوموبىلى 6197گە يېتىپ، ئالدىنقى كۈنىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %56.93 ئاشقان.

باغچە، سۇ بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىدىغان شادلىق باغچىسى قاتارلىقلار قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. قاغىلىق ناھىيەسى زۇڭلاڭ لىڭچۇەن مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر لىڭچۇەن يۈچى كۆلى، سۇ غارى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىدا سۈرەتكە چۈشتى، سالقىندىدى. مەنزىرە رايونىنىڭ مەسئۇلى ئابلىمىت مەمەتنىياز مۇنداق دېدى: «دەم ئېلىش مەزگىلىدە بىز مۇلازىمەت خادىملىرىنى كۆپەيتىپ، مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ ساياھەتچىلەرگە ئازادە ساياھەت مۇھىتى يارىتىپ بەردۇق».