7-ئاينىڭ 16-كۈنى، موڭغۇلكۈرە تۇلپار بايرىمى سىزنى كۈتمەكتە!

日期:2022年07月14日
来源:天山网
【字体:

7-ئاينىڭ 16-كۈنى،30-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ئىلى تۇلپار خەلقئارا ساياھەت بايرىمىموڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ قاراغانتې يايلىقىدا داغدۇغىلىق باشلىنىدۇ.

«موڭغۇلكۈرەدە چوپان ناخشىسى . تۇلپار ماكانى» سىزنى موڭغۇلكۈرەگە كېلىپرەڭگارەڭمەنزىرىلەر ۋە بەيگىگە چۈشكەنتۈمەن تۇلپارنىكۆرۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ.

تۇلپار بايرىمىدا، سىز بۇ پائالىيەتلەرگە قاتنىشالايسىز

30-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ئىلى تۇلپار خەلقئارا ساياھەت بايرىمىنىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلىرى 5-ئايدىن 10-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ، تۇنجى نۆۋەتلىك «تۇلپار لوڭقىسى» ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىسى مۇسابىقىسى، «ئىناقلىق ناخشىسى» بېزەك ئاپتوموبىلدا سەييارە ئويۇن قويۇش، «تۇلپارنىڭ تۇياق ئاۋازى تەڭكەشكېچە» تۇلپار مۇزىكا بايرىمى، «قەغەز تۇرنا رىشتىسى» تۇنجى نۆۋەتلىك يايلاق لەگلەك بايرىمى، «قايناق ھېسسىياتنى قوزغىتىش» يايلاق گۈلخان كېچىلىكى، «يۇرت تۇپرىقىدا مېھمان بولۇش» ئائىلە زىيارىتى ئۆرپ-ئادىتى، «يېقىملىق ناخشىغا جور بولغانئات ئۇسسۇلى» چەۋەندازلىق ئويۇنى، «مەززىلىك تائاملار كاتتا بايرىمى» تۇلپار مەززىلىك تائاملار بايرىمى قاتارلىق 30 تۈرلۈك پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

7-ئاي، موڭغۇلكۈرەدىكى يىلقىلار.

سۈرەت مەنبەسى: ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى چىن جيې فوتوسى

موڭغۇلكۈرەدە، سىز بۇ رەڭلەرنى كۆرەلەيسىز

7-ئايدىكى موڭغۇلكۈرەدە، كۆپكۆك سۇلۇق يەر باغچىسىنى كۆرىسىز، دەريا سۈيى ۋە كۆك ئاسمانغا يانداش بولغاچقا، يىراقتىكى قارلىق چوققىلارمۇ كۆكۈش رەڭدە كۆرۈنىدۇ.

سىز بۇ يەردەتېنى بەستلىك، پۇتلىرىئۇزۇن، تولىمۇ قاملاشقان،مەيىن شامالدا قويۇق يايلىنى يەلپۈتۈپمەغرۇر كېتىۋاتقان،سۆلەتلىك،مۇلايىمقوڭۇر قىزىل رەڭدىكى تۇلپارلارنى كۆرەلەيسىز.

ئالتۇندەكقىچا گۈللىرىموڭغۇلكۈرە يايلىقىنىڭ كەڭ قوينىدا پورەكلەپ ئېچىلىدۇ، تاغ-دالىلارنى قاپلىغان قەۋەت-قەۋەت قىچا گۈللىرى خۇددى تەبىئەت توقۇغان بىر پارچە ئېسىل كىمخاپقا ئوخشايدۇ.

تىيانشان مۇزلۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە يوشۇرۇنغان رەڭگىئۆزگىرىپ تۇرىدىغان كۆلقار-مۇزلار ئېرىگەندە كۆكۈش كۈل رەڭگە، دەل-دەرەخلەر بۈك-باراقسان ئۆسكەندە كۆپكۆك رەڭگە، ئۇدا ياغقان يامغۇردا قارامتۇل يېشىل رەڭگە كىرىدىغان بولۇپ، رەڭگارەڭ كۆل سۈيى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلماي قالمايدۇ.

سۈرەت مەنبەسى: موڭغۇلكۈرە ئاقىل ساياھەت (昭苏智慧旅游)

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپدۆلەت تەرىپىدىنمەملىكەتلىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدىنئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشنۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ناھىيە، دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتىدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، مەملىكەتلىك ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا-كەنت ساياھىتىدىن ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ناھىيە، دۆلەت دەرىجىلىك تىنچ-ئامانلىق قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ناھىيە، مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىن ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ناھىيە قىلىپ بېكىتىلدى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «جۇڭگو تۇلپار ماكانى» «جۇڭگو قوڭۇر كالا ماكانى» «جۇڭگو قىچا ماكانى» «جۇڭگو ھەسەن-ھۈسەن شەھىرى» دەپ نام بېرىلدى. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 19ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن بەشى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ چوڭ ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندى.

ئۇنداقتا، 7-ئاينىڭ 16-كۈنىموڭغۇلكۈرەدە كۆرۈشەيلى.

«شىنجاڭ ياخشى جاي»دىن تەرجىمە قىلىندى