شىنجاڭ گۇما: ياڭاق ياغىچىدىن ياسالغان جابدۇقلار تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى نايامان قىلدى

日期:2022年07月14日
来源:天山网
【字体:

   ئاپتور: ئابلىمىت ئابدۇغېنى

7-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ پىشنا يېزىسى باش ئازغان كەنتىدىكى ئابلىكىم ئابدۇقادىردۇكىنىداپۈتۈن زېھنى بىلەن ياڭاق ياغىچىدىن جابدۇق ياساۋاتاتتى. ئۇساياھەتچىلەرنىڭ كىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىقىنى كۆرۈپئورنىدىن تۇرۇپ،ئائىلىسىدىكىلەرنى چاي دەملەپزىيارەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا چاقىردى.

گۇما ناھىيەسىدە، يەرلىكتىكى كىشىلەر ياڭاق ياغىچىدىن قاچا-قۇچا، ياغاچ تەخسە، ياغاچ قوشۇق قاتارلىق تۇرمۇش جابدۇقلىرىنى ياسايدىغان بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئابلىكىم يېزىدىكى داڭلىق ياغاچ جابدۇق ياسايدىغان ھۈنەرۋەن، ئۇ بىر بۆلەك ئاددىي، ئاجايىپ-غارايىپ ياڭاق ياغىچى ماتېرىياللىرىنىپىششىقلىغاندىنكېيىن ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىققا ۋە ھۇزۇرلىنىشچانلىققا ئىگە ئۆزگىچە ياغاچ جابدۇقلىرىغا ئايلاندۇردى. ئۇ بۇ ھۈنىرىگە تايىنىپ بېيىش باشلامچىسى بولدى، ھازىر ئىككى شاگىرتى بار، ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياغاچ جابدۇقياساش ھۈنىرىنى ئۆگەنمەكتە.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇما ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، شۇ جايدىكى خاس ياغاچ جابدۇقلارمۇتەدرىجىي كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، بازىرى ئىتتىك ساياھەت خاتىرە بۇيۇمىغا ئايلاندى.

(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: گۇما ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى