«سېھرىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ − دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى مۇخبىرلارنىڭ بىرلەشمە زىيارەت پائالىيىتى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

日期:2022年07月14日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شى شۆخۇڭ، جەي رۇزېڭ، جاڭ خۇڭلىڭ خەۋەر قىلىدۇ: توققۇز كۈن داۋاملاشقان «سېھرىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ − دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى مۇخبىرلارنىڭ بىرلەشمە زىيارەت پائالىيىتى» 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى قەشقەردە ئاياغلاشتى، دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى 27 تاراتقۇدىن كەلگەن 45 مۇخبىر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى، ئىلى، قەشقەر، قىزىلسۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت ئىناقلىقى، ئېكولوگىيەنى قوغداش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نەق مەيداندا ھېس قىلدى.

زىيارەت ئۆمىكى شىنجاڭدىكى مەزگىلدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، قاراجون خەلقئارا ئېكولوگىيە ساياھەت رايونى، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچىسى، تېكەس ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ، قەشقەر شەھەرلىك كوناشەھەر رايونىنى قوغداش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش خاتىرە سارىيى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى كوئېنلۇن جيايۈەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ زىيارەت قىلدى ھەم «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېمىلىق كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى قۇربان ھېيت بولۇپ، قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ مەيدانىدا، ھەر مىللەت ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ھەر مىللەت ئامما كاتتا بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىناق كەيپىياتنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. ئارقىدىن زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر ھېيتگاھ مەسچىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

تەيۋەن دۇڭسېن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ليۇ يىچىڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «نەق مەيداندا دىنىي پائالىيەت سورۇنىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، دىنىي زاتلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكىنى چۈشەندىم».

«شىنجاڭ ياخشى جاي ئىكەن، مەن ناھايىتى ياخشى كۆردۈم!» قاراجوننىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى سەيلە قىلىۋاتقان تەيۋەن داۋباۋ گېزىتىنىڭ مۇخبىرى سەي شۇجۈەن گۈل دېڭىزىغا مەپتۇن بولغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئارىلىق يوق، مۇخبىرلارنىڭ بىرلەشمە زىيارىتى ئىككى قىرغاقتىكى خەلقلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

كوئېنلۇن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، شياڭگاڭ جۇڭپىڭ ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى جاڭ شۇاڭ شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ چېھرىدە جىلۋىلىنىپ تۇرغان ئىچ - ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان بەخت كۈلكىسىنى كۆرۈپ مەن ناھايىتى تەسىرلەندىم، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن خۇشال بولدۇم».

«بۇ قېتىمقى زىيارەت پائالىيىتىمىز ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى، ئىككى قىرغاقتىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشى ئارقىلىق، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار چوقۇم چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بارغانسېرى يېقىن ئۆتىدۇ» دېدى شيامېن رادىيو - تېلېۋىزىيە گۇرۇھىنىڭ مۇخبىرى نى تيەنيۈن.

مەركىزىي كومىتېت تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسى تەشۋىقات ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى قىرغاقتىكى تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى ئارقىلىق دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكىلەرگە بىر ھەقىقىي، ئوبيېكتىپ، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلغان، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىناق بولغان، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىنغان ۋە قوغدالغان شىنجاڭنى نامايان قىلدى، سىرتقى دۇنياغا گۈزەل شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى. ئۇ يەنە ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار، بولۇپمۇ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى پۇرسەت بولسا شىنجاڭغا كېلىپ ئايلىنىپ كۆرۈپ بېقىشقا مۇراجىئەت قىلدى، كەڭ تەيۋەنلىك سودىگەرلەر ۋە تەيۋەن سودا - سانائەت ساھەسىدىكى دوستلارنىڭ پۇرسەت بولسا شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

«دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى مۇخبىرلارنىڭ بىرلەشمە زىيارىتى» 2000 - يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى مۇخبىرلارنى ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ چوڭقۇر زىيارەت قىلىش، خەۋەر قىلىشقا تەشكىللەپ، ئىزچىل ئىككى قىرغاقتىكى تاراتقۇ ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلدى.