ساياھەت كۈچلۈك جانلىنىپ، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى جۇش ئۇردى

日期:2022年07月14日
来源:天山网
【字体:

− يىل ئوتتۇرىسىدىكى يارقىن نۇقتىلارغا نەزەر (2)

7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ساياھەتچىلەر تۇرپان يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدا تۆگىگە مىنىپ سەيلە قىلماقتا. ياز كىرگەندىن بۇيان، تۇرپاننىڭ تونۇردەك ئىسسىق ھاۋاسى ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ جەزمەن بېرىشقا تېگىشلىك جايغا كېلىپ ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

بۇلۇتلار تاغلار ئارىسىدا ئۈزۈپ، كىچىك كەنتتە يامغۇر ياغدى. 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، توساتتىن بىرمەيدان سىم - سىم يامغۇر يېغىپ كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي بازىرى تاراتى كەنتىدىكى قاتار كەتكەن دېھقانلار ھويلىسى سىم - سىم يامغۇر ئىچىدە قالدى. كەنت ئاھالىسى قۇۋانبېك بالگېن يامغۇرغا قارىماي ئۆز ئۆيىنىڭ «يۈەنگۇي مېھمانسارىيى»دا كىرىپ - چىقىپ يۈردى − ئۇ بايىلا تېلېفون قوبۇل قىلىپ، قونىدىغان مېھمانلارنىڭ كەچتە كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى. «بۇ يىل كېلىپ قونىدىغانلار بەك كۆپ، قۇربان ھېيتلىق بەش كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە ياتاقلارنىڭ ھەممىسى زاكاز قىلىنىپ بولدى.» شىنجاڭنىڭ ساياھەت بازىرىنىڭ قىزىپ كېتىشى تاراتى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «ساياھەت تامىقى»نى تېخىمۇ مەززىلىك قىلدى.

شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىق ئەۋزەللىكى ياخشى، سانى كۆپ، تۈرى تولۇق، سۈپىتى يۇقىرى، بىرىكتۈرۈلۈشى ئەلا بولۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى كەڭ، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 77 مىليون 814 مىڭ 100 ئادەم قېتىم بولۇپ، 2019 - يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %2.53 ئاشتى، ساياھەت كەسپىنىڭ جانلىنىش، ئەسلىگە كېلىش ئىستىقبالى ياخشى بولدى.

يېڭىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى

7 - ئاي كىرىشى بىلەن، ھاۋا بارغانسېرى ئىسسىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش ئىش ئورۇنلىرى تېخىمۇ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى. قۇم (جىكبېلېڭ) خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قۇرۇلۇش تۈرى، سايرام كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى قۇرۇلۇش تۈرى، نارات بوشلۇقتىكى ئوتلاق ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش - ئۆزگەرتىپ ياساش تۈرى، شىنجاڭ تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرى ھەم دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش ئۇل قۇرۇلۇش تۈرى قاتارلىقلار تېز قۇرۇلماقتا.

«شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ھازىر دەل ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش - ئۆزگەرتىپ ياساش ۋە ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش مەزگىلى» دەپ قارىدى تۇڭچېڭ تەتقىقات يۇرتىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى چېڭ چاۋگۇڭ.

يېڭىلا ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىدا: ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «تېز كىرىش، ئاستا ساياھەت قىلىش»تىن ئىبارەت پۈتۈن رايون ساياھىتى قاتناش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» ماركىسىنى يارىتىش، تاشيولنى «مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىغا تۇتاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ساياھەتچىلىكتە «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى ئالغا سىلجىتىش، «بىر يان تېلېفون بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش»قا تۈرتكە بولۇش... نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، دۇنياۋى ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلماقتا. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ سېلىنغان مەدەنىيەت - ساياھەت ئۇل ئەسلىھە تۈرى جەمئىي 127 بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنما تەخمىنەن 10 مىليارد 887 مىليون يۈەن بولغان.

ساياھەت كەسپى كۈندىن - كۈنگە شىنجاڭدىكى يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز بولغان يېڭىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان كەسىپكە ئايلاندى، شىنجاڭ يەنە ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سالىدىغان مېھىرلىك تۇپراققا ئايلانماقتا. جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھى، خۇاچياۋچېڭ گۇرۇھى، جۇڭگو ياشلار ساياھەت پاي كونترول پاي چەكلىك شىركىتى، جىڭدۇڭ گۇرۇھى، تۇڭچېڭ گۇرۇھى، ئالادىڭ گۇرۇھى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق كارخانىلار ئارقا - ئارقىدىن شىنجاڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلەشتۈردى. 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت سۇپىسى تورغا چىقىرىلدى، سۇپا ئىچىگە جەمئىي 522 تۈر كىرگۈزۈلدى، پىلاندىكى سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى 206 مىليارد 512 مىليون يۈەن بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىمزالانغان تۈر 18، ئەمەلىيلەشكەن تۈر 86، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۈر 17. 2021 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مۇھىم، زور مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى بويىچە سودىگەر چاقىرىش تۈرىدىن 300نى بېكىتتى، ئومۇمىي سېلىنما سوممىسى 104 مىليارد 208 مىليون يۈەن بولدى. ھازىرغىچە، ئىمزالىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن تۈر 86 بولۇپ، كېلىشىم سوممىسى 75 مىليارد 200 مىليون يۈەن، ئومۇمىي سېلىنما سوممىسى 72 مىليارد 170 مىليون يۈەن بولۇپ، جەمئىي 4745 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان كەسىپلەردە بىر كەسىپنىڭ گۈللىنىشى بارچە كەسىپنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى

قۇۋانبېك «يۈەنگۇي مېھمانسارىيى»نى 2018 - يىلى ئاچقان بولۇپ، بۇلتۇر، مېھمانساراينىڭ كىرىمى 200 مىڭ يۈەنگە يەتتى. تاراتى كەنتى ئېرتىش دەرياسى مەنبەسىگە جايلاشقان بولغاچقا، «ئېرتىش دەرياسىدىكى 1 - كەنت» دېگەن گۈزەل نامى بار. قۇۋانبېكنىڭ نەتىجىسى كەنتتە ئادەتتىكىچە ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دېھقانلار ئارامگاھى، ئائىلىۋى مېھمانخانا قاتارلىقلارنى ئاچتى، %98 كەنت ئاھالىسى ساياھەت تامىقى يەپ، بېيىش يولىدا ماڭدى.

نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدا 10 مىڭغا يېقىن دېھقانلار ئارامگاھى بار، بۇنىڭ ئىچىدە يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار ئارامگاھىدىن 2000ى بار، خاس ئائىلىۋى مېھمانخانىلار يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك بەس - بەستە مەيدانغا كەلدى، مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى زور بىر تۈركۈم نۇقتىلىق يېزا - بازار، نۇقتىلىق كەنت، مەملىكەت بويىچە ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قاتارلىقلار بارلىققا كەلدى. «ساياھەتتىن نەپ ئېلىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش» كەڭ دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى، يېزا - كەنت ساياھىتى شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە كۈچ قوشىدىغان كۈچلۈك تۈرتكىلىك كۈچكە ئايلاندى.

شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسپى بولغان ساياھەت كەسپىنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولى كۈنسايىن گەۋدىلەندى. بىر كەسىپ گۈللىنىپ بارچە كەسىپنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، خەلقنى بېيىتىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە، ساياھەت كەسپى كۆپەيتكۈچى ئېففېكتىنى سىجىل قويۇپ بەردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ساياھەت كىرىمى ھەر بىر يۈەن ئاشسا، ئالاقىدار ساھە كىرىمىنىڭ 4.5 يۈەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدىكەن؛ ساياھەت سېلىنمىسى ھەر بىر يۈەن ئاشسا، باشقا ساھەلەر سېلىنمىسىنىڭ بەش يۈەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدىكەن، بۇ، يېتەكلەشچانلىقى ۋە چېتىشلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى كەسىپلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

كۆپەيتكۈچى ئېففېكتنىڭ ئېلىپ كەلگىنى غايەت زور خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئېففېكتى بولدى. ئۆلچەپ ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا ساياھەتكە ئالاقىدار كەسىپلەر 100 نەچچىدىن ئاشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ساياھەت كەسپىنىڭ قونالغۇ كەسپىگە تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %80تىن ئاشىدىكەن، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ۋە تۆمۈريول يولۇچى توشۇش كەسپىگە تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %70تىن ئاشىدىكەن. 2018 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭدا ساياھەتچىلىك بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللانغانلار سانى 300 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ، تەخمىنەن 1 مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ ۋاسىتىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ساياھەتچىلىكتە بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار تەخمىنەن 54 مىڭ 100 كىشى بولغان.

كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش رولى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى تاشنى ئالتۇن قىلالايدىغان «ئالتۇن بارماق»قا ئايلاندۇردى. «ساياھەت + مەدەنىيەت» «ساياھەت + قاتناش» «ساياھەت + تەتقىقات - ئۆگىنىش» «ساياھەت + تەنتەربىيە» «ساياھەت + ھاۋارايى»... شىنجاڭدا «ساياھەت +»تىن ئىبارەت بۇ كەسىپ بارغانسېرى زورايدى، بارغانسېرى قالتىس بولدى.

«يۇغۇرۇشقا ماس كېلىدىغانلىرى يۇغۇرۇلۇپ، يۇغۇرۇشقا بولىدىغانلىرى تولۇق يۇغۇرۇلدى.» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ساياھەت +» ئېلىپ كەلگەن يۇغۇرما تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى شىنجاڭدا ساياھەت كەسپى بىلەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، ئېكولوگىيە، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش قاتارلىق كۆپلىگەن كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېپيېڭى تەرەققىيات بوشلۇقىنى بىر - بىرلەپ ئاچتى. يېزا - كەنت ساياھىتى، قار - مۇز ساياھىتى، ھاراقچىلىق قورۇقى ساياھىتى، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش ساياھىتى، تەتقىقات - ئۆگىنىش ساياھىتى، تۆۋەن بوشلۇق ساياھىتى، خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرى مەنزىرە ساياھىتى قاتارلىق «ساياھەت +» خاس كەسىپ ھالىتى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى. ھەربىر كەسىپ زەنجىرىدە، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئەڭ نۇرلۇق «مەرۋايىت» بولدى.

چولپان كەسىپلەر بەس - بەستە جۇلالاندى

7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 12 ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ئۆلچەم تەلىپىگە يەتكەنلىكتىن، ئۇلارنى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى دەپ بېكىتىشتىن ئىلگىرىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭنىڭ گۇچۇڭ جامبۇلاق مەنزىرە رايونى بۇنىڭ ئىچىگە كىردى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، شىنجاڭدا دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن جەمئىي 16(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)سى بار بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 3 - ئورۇندا، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون رەت تەرتىپىدە 1 - ئورۇندا تۇراتتى. بۇ قېتىم جامبۇلاق مەنزىرە رايونى ئەگەر جۇڭگو ساياھەت مەنزىرە رايونى، دېگەن يۇقىرى دەرىجىلىك تاجنى تاقىسا، شىنجاڭنىڭ ئېسىل مەنزىرە رايونى سېپىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن سىرت، شىنجاڭدا يەنە S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانىدىن 84ى، دۆلەت دەرىجىلىك پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسىدىن بەشى، مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت(بازار)تىن 42سى، دۆلەت دەرىجىلىك قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن 12سى، دۇنيا مىراسلىرى مەنزىرە رايونىدىن 11ى، دۆلەت دەرىجىلىك قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، ھەممىسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. شىنجاڭنىڭ داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنى يادرو قىلىپ، نادىر ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىشنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى.

بۇ يىل 6 - ئايدا، تۇڭچېڭ ساياھەتچىلىكى ئېلان قىلغان «<ئوقۇش پۈتكۈزۈش ساياھەت پەسلى>دىكى ئىستېمال يۈزلىنىشى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى يازلىق تەتىلدە سىجىل جانلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى «2000 - يىللاردا تۇغۇلغانلار» ئالقىشلىغان ساياھەت مەنزىلگاھى تىزىملىكىدە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە مەزمۇت تۇرۇپ، «ئوقۇش پۈتكۈزۈش پەسلى»دىكى يازلىق تەتىلدە ئەڭ تېز جانلانغان ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلانغان.

ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى كۈنىگە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 110 مىڭ ئادەم قېتىمنى مۇقىم بۆسۈپ ئۆتتى. 7 - ئاي كىرىپ، شىنجاڭدا ئايروپىلان بېلىتى، مېھمانساراي، مەنزىرە رايونى قاتارلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئالدىن زاكاز قىلىش مىقدارى تەڭ ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ زاكاز مىقدارى %300 ئېشىپ، ياز پەسلىدە سالقىنداشتىكى قىزىق نۇقتا مەنزىلگاھىغا ئايلاندى. شىنجاڭدا ساياھەت قىزغىنلىقى %78 ئاشتى، مۇزېي، مەدەنىيەت ئويۇنى قويۇش قاتارلىق مەدەنىيەت تۈرىدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە ھېس قىلىش بويىچە دىققەت - ئېتىبارىنى قارىتىش دەرىجىسىمۇ سىجىل ئاشتى. شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپى «شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى يېڭىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان كەسىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كەسپى، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق - مۇقىم، ئىناق - بەختلىك، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىدىغان چولپان كەسىپ» بولۇش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.