ساياھەتچىلەر دىققەت! مايتاغ-كۇچا تاشيولى، غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 0 سېلسىيە گرادۇستىن 5 سېلسىيە گرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ

日期:2022年07月12日
来源:天山网
【字体:

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ مەنزىرىسى. (ماتېرىيال سۈرەت)

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، مۆلچەرلىنىشىچە7-ئاينىڭ 11-كۈنى كېچىدىن 7-ئاينىڭ 14-كۈنىكېچىگىچە، مايتاغ-كۇچا تاشيولى، نارات مەنزىرە رايونىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، مايتاغ-كۇچا تاشيولى، غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولى، قاناس لىنىيەسىدە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 0 سېلسىيە گىرادۇستىن 5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن. شىمالىيشىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، شىمالىي قىسمى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، گۈلدۈرمامىلىق بوران، مۆلدۈر قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ. ئاپتونوم رايونلۇق مېتىئورولوگىيە ئىستانسىسى تاغلىق رايونغا بارىدىغانساياھەتچىلەرنىڭ قېلىنراق كىيىنىپ، زۇكام بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئەسكەرتتى.

ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 11-كۈنى كېچىدىن 7-ئاينىڭ14-كۈنى كېچىگىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، شىمالىي قىسمى، تىيانشاننىڭ شىمالىي يانباغرى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا بىردەم-بىردەم ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قار ياغىدىكەن)، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، مايتاغ-كۇچا تاشيولى، نارات مەنزىرە رايونىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، يىغىندى ھۆل-يېغىن مىقدارى 25 مىللىمېتىردىن 50 مىللىمېتىرغىچە بولىدىكەن. ئەڭ كۈچلۈك ھۆل-يېغىن مايتاغ-كۇچا تاشيولى، نارات مەنزىرە رايونىدا 7-ئاينىڭ 11-كۈنى كېچىدىن 12-كۈنى كېچىگىچە، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىدە 7-ئاينىڭ 13-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە كۆرۈلىدىكەن.

ھۆل-يېغىنغا ئەگىشىپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭكۆپقىسىمجايلىرى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپبەشبالدىن ئالتە بالغىچە غەربىي شىمال ياكى قىيپاش شىمال شامىلى چىقىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدا تۆت بالدىن بەش بالغىچە قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن؛ شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى 10 بالدىن 11 بالغىچە بولىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا: شىمالىي شىنجاڭنىڭ تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا 23 سېلسىيە گىرادۇستىن 31 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ تۈزلەڭلىكىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا 28 سېلسىيە گىرادۇستىن 40 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن. ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا: شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا 15 سېلسىيە گىرادۇستىن 18 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا 2 سېلسىيە گىرادۇستىن 4 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قاناس مەنزىرە رايونىدا 3 سېلسىيە گىرادۇستىن 5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىدا 0 سېلسىيە گىرادۇستىن 3 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن.

7-ئاينىڭ 12-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئازراق يامغۇر يېغىپ كېيىن ھاۋا بۇلۇتلىنىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپراتۇرا 26 سېلسىيە گرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپراتۇرا 19سېلسىيە گرادۇس بولۇپ، 4 بالدىن 5 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ.