شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات «ئومۇمىي خورى»نى ياڭرىتىش

日期:2022年07月08日
来源:天山网
【字体:

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ «قايتا ئاتلىنىش» ئاتاكا سىگنالىنى ياڭراتتى. يىغىننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئۈچۈن، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى بەس ـ بەستە يولغا قويۇپ، ساياھەت بازىرىنى تېزدىن جانلاندۇردى، بۇنىڭ بىلەن توپلىنىپ قالغىنىغا ئۇزاق بولغان ساياھەت ئېھتىياجى تەدرىجىي قاندۇرۇلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ قوشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى:

خىزمەت مەخسۇس بەنى قۇرۇپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىدى

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۇيجۈن مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى ھەم نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى تەقسىملەش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈۋاتىدۇ. بايلىقنى ئېچىش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق يەتتە جەھەتتىكى مەسىلىگە قارىتا يەتتە خىزمەت مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سالمىقىنى زورايتتى. ساياھەت بازىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىش بويىچە ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، «ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۈچ دەرىجە ھەمتۈرتكە بولۇپ ئاشكارا تەكشۈرۈپ يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مېخانىزمىنى ئورناتتى. «كۈلۈمسىرىگەن شىنجاڭ» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. ئۆمەك تەشكىللەپ 18 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو (شېنجېن) خەلقئارا مەدەنىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمە ـ سودا يىغىنى، 2022 ـ يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت سودا يىغىنى قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، «چۈمبىلىڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا بەش ئۆلكىدىكى ئون شەھەردە سەييارە ئويۇن قويۇش، تونۇشتۇرۇش، كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتتى. 2022 ـ يىللىق «شىنجاڭ ياخشى جاي − شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى»نى ئۆتكۈزۈپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈر ئامبىرى قۇرۇپ، «شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» سۇپىسىغا كۈچ قوشۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاقىل ساياھەتنى ئېچىش ـ تىجارەت قىلىشقا تۈرتكە بولدى. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەزا ئورۇنلارنىڭ ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش، كەسىپكە يېتەكچىلىك قىلىش، بازارنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى:

«تېز كىرىش، ئاستا ساياھەت قىلىش» يول تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ھەسەنجان ئەخمەت مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىكنىڭ زور تەرەققىياتىدا قاتناش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى. بۇ يىل، S254 لىنىيەسى لوپنۇر ـ چەرچەن تاشيولى، G315 لىنىيەسى نىيە ـ لوپ 1 ـ دەرىجىلىك تاشيولى قاتارلىق تۈرلەردە قاتناشنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش تورى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشى تېخىمۇ قولايلاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن، «تېز كىرىش، ئاستا ساياھەت قىلىش» يول تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەت 3A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 ـ دەرىجىلىك) يول بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا تاشيولى ئاساسىي تورىنى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەسى غول تورى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تور بىلەن ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ قاتلاملىق قاتناش ـ ساياھەت يۇغۇرما يول تورىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، مۇلازىمەت رايونى ئەسلىھەلىرىنى يۇغۇرما ئېچىش، باشقۇرۇشنى كېڭەيتىپ، «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تاشيول مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سىغىمىنى كېڭەيتىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىمىز، يول تىرانسپورت ساياھىتىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ خىللاشقان قاتناش، سەپەرگە چىقىش ۋە ساياھەت ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى:

«ساياھەت + تۆمۈريول»نىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

شىنجاڭ تۆمۈريول ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ تىڭفېن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پائال يولغا قويۇپ، تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ قوش ئايلانما لىنىيەسى شەكىللىنىپ، تۆمۈريول تورى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» ساياھەت نۆۋەتچى پويىزى ماركىسىنى كۈچەپ يارىتىپ، ئېكولوگىيەلىك ساياھەت كارىدورى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، «شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش» «جەنۇبىي شىنجاڭنى راۋان ساياھەت قىلىش» «جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش» «شىندۇڭفاڭ تېز پويىزى» قاتارلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى، مۇكەممەللەشتۈردى. ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدىكى دەرۋازا تىپى، تۈگۈن تىپىدىكى ساياھەت قىزىق نۇقتا شەھەرلىرىدىكى يولۇچىلار ئېقىمى ئەھۋالىنى دەل جايىدا تەھلىل قىلىپ، يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزىنىڭ توشۇش ئىقتىدارىنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ساياھەت + تۆمۈريول»نىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ شىنجاڭنى راۋان ساياھەت قىلىشىنى تېخىمۇ كۆپ قولايلىق ۋە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىش» خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش، ئاۋاتلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى:

ئېسىل تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويدى

شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور ۋاڭ خۇڭجياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاش پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى پائال پىلانلاپ، قانداق قىلغاندا باشلامچىلىق، تايانچلىق رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەستايىدىل ھۆكۈم چىقىرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش، ئۇنىڭدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولماقتا. بىز پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر توغرا يۆنىلىشلىك بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ياخشى ئىشلەيمىز. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، قويۇق مەدەنىيەت، يارقىن مەنزىرە، يادرولۇق ماركىلارنى تۇتاشتۇرۇپ، دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىلى چوڭ ساياھەت كەسپى تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، بىرىكمە كۈچ توپلاپ ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى مەھسۇلاتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېسىل تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويىمىز. مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسىپ زەنجىرى تىك يۆنىلىشلىك بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىپ، بازار يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت بازار سۇبيېكتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىمىز. مەدەنىيەت ـ ساياھەت تارماقلىرى مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنى يېتەكلەش فوندىنى باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇپ، يانداش قوللاش سىياسەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چىقىرىپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت مەركىزىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، بۇ مەركەزگە باشقۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش، مەبلەغ سېلىشنى ھاۋالە قىلىپ، يەرلىك مەدەنىيەت ـ ساياھەت بازار سۇبيېكتلىرىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يېڭى تىپتىكى ساياھەت تەرەققىيات ئاساسىي گەۋدىسىنى پائال يۆلەش تەكلىپى بېرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە «مەدەنىيەت ـ ساياھەت + پەن ـ تېخنىكا + ئاقىللارنى كىرگۈزۈش» كۆپ مەنبەلىك بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرىمىز.

(مۇخبىرلار ھەبىبە، لۇ فېڭباۋ، رېن جياڭ)