بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ . سۇ مەنزىرىسى ⑮ | نارات سۇلۇق يەر باغچىسى سۈرەتتەك گۈزەل

日期:2022年07月06日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ تىيانشان تورى خەۋىرى نارات دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى مەنزىرە رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ شوربۇلاق بازىرى تەۋەسىگە جايلاشقان، دەريا ئېقىنى، سازلىق، كۆل، چىملىق قاتارلىق مەنزىرە تۈرلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ،ساياھەتچىلىكتە«سۇلۇق يەردە بېلىقلار ئۈزۈپ، قومۇش پۆپۈكلىرى ئارىسىدىن يېقىملىق ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇرۇش»نىباش تېما قىلغان، بۇ يەر سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە ساياھىتى، سۇلۇق يەر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات-تەربىيەسى، بىنشۇي ئىستىراھەت دەم ئېلىش، سۇلۇق يەر مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسى.(جاڭ ۋېنتىڭفوتوسى)

بۇ، 6-ئاينىڭ 21-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان نارات دۆلەتسۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ مەنزىرىسى.

نارات دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ، سۇ بىلەن ئاسمان ئوخشاش رەڭدە بولۇپ،كۆك ئاسمان بىلەن ئاق بۇلۇتلار كۆل سۈيىدە ئەكىس ئېتىپ بىر پارچە رەڭدار يۆگىمە رەسىمنى نامايان قىلىدۇ.سۇ دولقۇنىپارقىراپ جىمىرلاپتۇرىدۇ، قۇمۇشلار سۇ يۈزىگە خۇددى يۇلتۇزدەك تارقىلىپ، كۆك، سېرىق رەڭلەر ئۆزئارا گىرەلىشىپكەتكەندەك كۆرۈنىدۇ، ئاق رەڭلىك قومۇش پۆپۈكى شامالغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ، ساياھەت كېمىسى جىمجىت كۆل يۈزىدە مېڭىپ، ئاجايىپ گۈزەل رەڭدار تەبىئەت مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ يەر سىزگە ھەقىقەتەن «كېمە مەنزىرە ئىچىدە كېتىۋاتقان، ئادەم رەسىم ئىچىدە يۈرگەن»دەك تۇيغۇ بېرىدۇ. قۇياش نۇرىدا، قومۇشلار كۈمۈشتەك يالتىراپ، كىشىگە سەپەردىكى ھاردۇقلىرىنى بىردىنلا ئۇنتۇلدۇرىدۇ.