ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى | 135 يولۇچى توشۇش لىنىيەسى بىۋاسىتە پويىز ئىستانسىسى، ئايرودۇرۇم، مەنزىرە رايونلىرىغا قاتنايدۇ

日期:2022年07月04日
来源:天山网
【字体:

بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان گوزىگوۋ چوڭ كۆۋرۈكى. ( 2021ـ يىلى 6ـ ئاينىڭ 15ـ كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت تېز خەۋىرى مۇخبىرنىڭ 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، ساياھەت يولۇچى توشۇش بازىرى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن، پويىز ئىستانسىسى، ئايرودۇرۇم ۋە مەنزىرە رايونلىرىغا بارىدىغان يولۇچى توشۇش لىنىيەسىدىن 135ى ئېچىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول (1- دەرىجىلىك) مۇساپىسى 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويدى، 107 ناھىيە، شەھەرنىڭ ھەممىسىدە 2- دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى تاشيول بىلەن تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بارلىق يېزا - بازار ۋە شارائىتى ھازىرلانغان ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ ھەممىسىدە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول بولۇش، يولۇچىلار ئاپتوموبىلى قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ راۋانلىقىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇندى. ( مۇخبىر جاڭ شياۋ )