يازدىكى تەنتەنىلىك يىغىن، تېخىمۇ مۇھىمى باھاردا ئاتلانغان سەپەر

日期:2022年06月29日
来源:天山网
【字体:

− ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىدىن خاتىرە

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

6 ـ ئاي شىنجاڭنىڭ ئەڭ گۈزەل ياز كۈنلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىلى دەريا جىلغىسىدا دەل ـ دەرەخلەر بۈك ـ باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، نەچچە ئون مىڭ مو يەردىكى ئۈستىقۇددۇس گۈل دېڭىزى مەۋج ئۇرۇپ، خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى، 6 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى غۇلجا شەھىرىدە ئېچىلدى.

يىغىن باشلىنىشقا يەنە يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت قالغانىدى، يىغىنغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر يىغىن مەيدانىغا ئارقا ـ ئارقىدىن يېتىپ كەلدى، ئۇلار ئەھۋال سوراشقاندىن باشقا، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇردى.

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، مۇشۇ پەيتتە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

«مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپى تەدرىجىي ھالدا يۇقۇمنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ، جانلىنىش مەزگىلىدە تۇرماقتا. مۇشۇ پەيتتە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىللە، تېخىمۇ مۇھىمى، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتتى» دېدى شىنجاڭ ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋۇ فېڭ.

سائەت 10دا يىغىن باشلاندى. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ئۆزگىچە مول بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، ئىستىقبالى زور، كېلەچىكى پارلاق، تەرەققىيات ئىدىيەسى، بايلىق ئېچىش، ماركا يارىتىش، مۇلازىمەت سۈپىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېتەرسىزلىكلەر، ساياھەتچىلىكنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر... مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىشتا تەپسىلىي تەھلىل قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرمىلار كىشىنى ھاياجانغا سالدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن خاتىرە قالدۇردى، پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ، قەلىمىنى قەغەز ئۈستىدە يۈگۈرتتى، يىغىن مەيدانىدا پات ـ پات ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

بۇ، يازدىكى تەنتەنىلىك يىغىن، تېخىمۇ مۇھىمى باھاردا ئاتلانغان بىر قېتىملىق سەپەرگە ئوخشايدۇ. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ يىغىن ئاڭلىغاندىكى روھىي ھالىتى ئوخشاش بولمىسىمۇ، كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈشى كېلىشىۋالغاندەكلا ئوخشاش بولدى.

يىغىن تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتتى. «بىز ساياھەت كەسپىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ كەلگۈسىگە، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىغا تولۇق ئىشەنچىمىز بار!» دېدى شىنجاڭ ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، باش كاتىپ جاڭ شياۋيۈ. يىغىن ئاخىرلىشىشىغىلا، ئۇ يان تېلېفونىنى ئېچىپ، تاراتقۇلارنىڭ يىغىن توغرىسىدىكى تۈرلۈك خەۋەرلىرىگە دىققەت قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «جەمئىيىتىمىز كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا، ئالدى بىلەن يىغىن روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ مۇھىمى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىش، ساياھەت ماركىسى قۇرۇلۇشى، ساياھەت ماركېتىڭىنى تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت يېڭى مۇساپىسىگە تولۇق ئىشەنچ بىلەن ئاتلىنىشى كېرەك».

يىغىن ئەمەلىي ئىشلەش كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى. «تۇرپان چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە.» تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئەن جىنچياڭ مۇنداق دېدى: «يىغىندا، مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. بىز يىغىن تەلىپىگە ئاساسەن، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەت باشلامچى كارخانىلىرىنى تۇرپانغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى زورايتىپ، بازار مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقى مول بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ساياھەت كەسپىنى تېخىمۇ زورايتىمىز ۋە كۈچەيتىمىز».

يىغىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى. 6 ـ ئاينىڭ بېشىدا كوللېكتىپ ئۆلكە ئاتلاپ ساياھەت قىلىش ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، نارات مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارى ۋە كىرىم قىلىشتا بىردەك يۇقىرى ئۆرلەش ۋەزىيىتى نامايان بولدى. 6 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنىدىن باشلاپ، بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ كۈندىلىك ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئەسلىگە كېلىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىنىڭ %90ىگە يەتتى. «ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىگە غايەت زور پايدىلىق خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ. بىز تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، دەل جايىدا بولغان ماركېتىڭنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈلمە ـ مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ زور تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز» دېدى نارات مەنزىرە رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى نىڭ.

يىغىن مەيدانىدىن چىققاندا، ھاۋا ئوچۇق، قۇياش نۇرى ئىللىق بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئالدىراش يۈرۈپ كەتتى. «ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى، ئاچقۇچ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. بىز ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قىش پەسىللىك <تۆت رايون، بىر باغچە> قار ـ مۇز يادرولۇق رايونى، ياز پەسىللىك مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى سەرخىل لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىپ، ئالتاي ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا ھۆسن قوشىمىز» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ يەن.