ئۈستىقۇددۇس پورەكلەپ ئېچىلدى، ئېتىزلار خۇش پۇراققا تولدى

日期:2022年06月28日
来源:天山网
【字体:

ھازىر، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسىنىڭ لۇسۇگۇڭ بازىرى سىگۇڭ كەنتىدىكى ئۈستىقۇددۇس راسا چېچەكلەش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. سىگۇڭ كەنتىدىكى «جيېيوۋ گۇڭجۇ» ئۈستىقۇددۇس دېھقانچىلىق مەيدانىغا كىرگىنىمىزدە، كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان خۇش پۇراق دىماققا ئۇرۇلاتتى، كۆز يەتكۈسىز ئۈستىقۇددۇس ئېتىزلىرى تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ،ئۈستىقۇددۇسنىڭخۇش پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى، ھەسەل ھەرىلىرى گۈللەر ئارىسىدا لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەن بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا خۇددى سۆسۈن رەڭلىك تۇمان بىلەن قاپلانغاندەك كۆرۈنەتتى، ساياھەتچىلەر بەس-بەستە ئۈستىقۇددۇس گۈللىرى ئارىسىدا بەخىرامان مېڭىپ، گاھ گۈل سەيلىسى قىلىپ گاھسۈرەتكە چۈشۈپ، ئۈستىقۇددۇس ئېلىپ كەلگەن رومانتىك ھېسسىياتتىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.

قورغاس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن ما شۆشيا، ما مىڭيۈخەۋىرى، فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى