ئائىلىۋى مېھمانخانىلار «بەسلىشىۋاتقان» كەنتتىكى چۆچەكلەردىكىدەك گۈزەل مەنزىرىدىن كىشى مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ

日期:2022年06月28日
来源:天山网
【字体:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۇيشىگۇ بازىرى پىڭشىلياڭ كەنتى چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىغا، «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش» ھەقىقىي مەنزىرىلىك تىياتىرىنىئورۇنداشقا تايىنىپ، ئائىلىۋى مېھمانخانا كەسپى ۋە ئىستىراھەت ساياھىتىنى پائال تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ كەنت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنت-بازار»، «مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت»، «جۇڭگودىكى گۈزەل ئىستىراھەت يېزا-كەنتى» قاتارلىق «دۆلەت دەرىجىسى»دىكى ئالتۇن ئىسىم كارتىسىغا ئېرىشتى. 2020-يىلى كەنتنىڭ كوللېكتىپكىرىمى 420 مىڭ يۈەنگە، كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 31 مىڭ 418 يۈەنگە يەتتى.

ئىگىلىنىشىچە، پىڭشىلياڭ كەنتى ھازىر ئائىلىۋى مېھمانخانا، دېھقانلار ئارامگاھىدىن 55نى تەرەققىي قىلدۇرغان. بۇ دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ يىللىق مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمى 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ كەنتتىكى 100گە يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى

پىڭشىلياڭ كەنتىدىكى خاس ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ دەرۋازىسى

ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ ئىچىدىن بىر كۆرۈنۈش

ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ چۆچەكلەردىكىدەككېچىلىك مەنزىرىسى

ئائىلىۋى مېھمانخانىدىكى جىمجىتلىققا تولغانكېچە

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى