6-ئاينىڭ 25-كۈنى قاتناش ئەسلىگە كېلىدۇ! غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغانلارغا بۇ قوللانما سۇنۇلدى

日期:2022年06月27日
来源:天山网
【字体:

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل تاشيوللارنىڭ بىرى دەپ ئاتالغان غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولىدا 6-ئاينىڭ 25-كۈنى قاتناش باشلىنىدىكەن.

ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغانلارغۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولىغا مۇناسىۋەتلىك بۇقوللانمىنى ئېلىپ، يولغا چىقىشقا تەييارلىنىڭلار!

غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولى بىلەن تونۇشۇش

غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 110 كىلومېتىر بولۇپ، شىمالدا موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ S237 لىنىيەسىدىكى يول بۆلىكىگىچەتۇتىشىدۇ.

غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولىنى بويلاپ مېڭىپ غۇلجا شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىن ئۆتۈپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

غۇلجا -موڭغۇلكۈرە تاشيولىنىڭ ئالاھىدىلىكى

ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل − بۇ يەردە «بىر كۈندەتۆت پەسىلنى، ئون چاقىرىم ئارىلىقتا ئوخشاش بولمىغان ھاۋارايىنى كۆرگىلى بولىدۇ»،مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل.

خەتەرلىك − دېڭىز يۈزىگىچە بولغان چات ئارىسى چوڭ، يولنىڭ ئايلانمىسى كۆپ ھەم تىك.

قىسقا مەزگىللىك − پەسىللىك تاشيول بولۇپ، يۈرۈشكە بولىدىغانۋاقىت قىسقا.

قەدىمكى−قەدىمكى يىپەك يولىدىكى «گۇڭيۆداۋ يولى»نىڭ بىر بۆلىكى.

غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى

غۇلجا−موڭغۇلكۈرە تاشيولىدا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان گۈزەللىكنى ھېس قىلىسىز.

بىردەمقاتمۇقات تاغلار ئارىسىغا كىرىپ كەتسىڭىز، بىردەم ئوچۇقچىلىققا چىقىپ قالىسىز.

بۇلۇتلار ئېگىز تاغ ۋە ئورمانلىقلاردا لەيلەپ يۈرىدۇ.

ھەر خىل گۈل دېڭىزى بىر-بىرى بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، يول بويى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ.

غۇلجا -موڭغۇلكۈرە تاشيولىدىكى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى

سەككىز مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى ۋە ساياھەت نۇقتىسى

مەيلى سۈرەتكە ئېلىپ خاتىرە قالدۇرماقچى،ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالماقچى بولۇڭۋە ياكىتەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنىھېس قىلىڭ،ھەممىسىدە ئەڭ ياخشى كۆرۈش بۇلۇڭىنى تاپالايسىز.

تازىلىق ئۆيى، ماشىنا توختىتىش مەيدانى ۋە كىچىك تىپتىكى تاللا بازىرى تەسىس قىلىنغان ئۈچ مۇلازىمەت رايونى بار

بىردەم ئارام ئالماقچى بولسىڭىز، ھەممە نەرسە شۇنچىلىكقولايلىق ۋە يېقىشلىق،خالىغاندا مېڭىپ، خالىغاندا توختاپ، يول بويى گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلالايسىز.

غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولىنىڭ يول يۈرۈش چەكلىمىسى

غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولىدا يول يۈرىدىغانئاپتوموبىل ۋە يول يۈرۈش ۋاقتىغا تەلەپ قويۇلىدۇ

يول يۈرىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ تىپى

تۆۋەندىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ

يەتتە كىشىلىك(يەتتە كىشىلىك ئاپتوموبىلنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)تىن يۇقىرى بولغان تۈرلۈك ئاپتوموبىللار.

بەش كىشىلىك(بەش كىشىلىك ئاپتوموبىلنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)تىن يۇقىرى بولغان تىجارەت تىپىدىكى قاتناش ئاپتوموبىللىرى.

چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى، يېرىم چاتما پىرىتسېپلىق سۆرەش ئاپتوموبىلى، پۈتۈن چاتما پىرىتسېپلىق ئاپتوموبىل،خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى توشۇيدىغانئاپتوموبىل،چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان تىراكتورقاتارلىقلار.

يۈرۈش ۋاقتى

6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ قاتناشقابولىدۇ، يول يۈرۈش ۋاقتى تەخمىنەن ئۈچ ئاي.

يۈرۈش ۋاقتى ئىچىدە:

ھەر كۈنى سائەت 22دىن ئەتىسى سائەت 9غىچە بارلىق ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ.

كىچىك ئەسكەرتمە

ئەگەر ناچار ھاۋارايى كۆرۈلسە، قاتناشقا چەك قويۇلۇشى مۇمكىن، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ.

ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغانلارغا بېرىلگەنيول لىنىيەسى تەكلىپى

ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە غۇلجىنى ساياھەت قىلغاندىن كېيىن يولغا چىقىپ، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىن ئۆتۈپ، جۇڭگو ئوقيا يۇرتىدا شىبە مەدەنىيىتىنى ھېس قىلالايسىز، داۋاملىق مېڭىپ موڭغۇلكۈرەگە بېرىپ،تۇلپار مەدەنىيەت باغچىسى، شاتا مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارغا بېرىپ ساياھەت قىلالايسىز. قايتىش سەپرىڭىزدە G219 لىنىيەسىنى تاللاپ ماڭسىڭىز بولىدۇ، يولدا ئالاھىدە ئۇسلۇبتىكى «سەككىز قىرلىق شەھەر» − تېكەسنى كۆرۈپ، ئاندىن غۇلجىغا قايتسىڭىز بولىدۇ.

غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولى سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى كۈتمەكتە

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى