خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىدا بۈگۈن قاتناش باشلاندى! دۇنيا بويىچە تۇنجى قۇملۇق تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى شەكىللەندى

日期:2022年06月16日
来源:天山网
【字体:

6-ئاينىڭ 16-كۈنى

خوتەندىن چاقىلىققىچە بولغان تۆمۈريول (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولى دېيىلىدۇ)دا قاتناش باشلاندى،

خوتەندىن چاقىلىققا 11 سائەت 26 مىنۇتتا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

سۈرەت مەنبەسى: جۇڭگو تۆمۈريولى تورى

بۇنىڭ بىلەن

خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولى ھازىرقى

گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى، قەشقەر ـ خوتەن تۆمۈريولى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى بىلەن تۇتىشىپ

تەكلىماكان قۇملۇقىنى بىر ئايلىنىپ،

دۇنيادىكى تۇنجى قۇملۇق تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسىشەكىللەندى

ئومۇمىي مۇساپىسى 2712 كىلومېتىرغا يەتتى.

سۈرەت مەنبەسى:مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى

خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولى

غەربتە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرىدىن باشلىنىپ،

شەرقتە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسىدە ئاخىرلىشىدۇ

ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 825 كىلومېتىر،

سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن،

شۇنداقلا دۆلەتنىڭبۇ I دەرىجىلىك تاق لىنىيەلىك تۆمۈريولىنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈشكە ئىمكانىيەت قالدۇرۇلغان.

3-ئاينىڭ 12 - كۈنى، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى يۈرۈشۈش ھالىتىدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى. سۈرەتتە: پويىزنىڭ خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىدىكى روكىيا ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈش ئەھۋالى تەكشۈرۈلمەكتە.

سۈرەت مەنبەسى: ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ۋېن جىچۈەن فوتوسى

خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىدا ئومۇمىي لىنىيە بويىچە 22 بېكەت تەسىس قىلىنغان،

بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن، لوپ، چىرا، يۈچۈەن بازىرى، كېرىيە، نىيە، نەنتۈن، ئالتۇنتاغ، چەرچەن، ۋاششەرى، چاقىلىقتىن ئىبارەت 11 بېكەتتە يولۇچى توشۇش كەسپى يولغا قويۇلغان،

خوتەن، چىرا، كېرىيە، نىيە، چەرچەن، چاقىلىقتىن ئىبارەت ئالتە بېكەتتە يولۇچى ۋە يۈك توشۇش كەسپى يولغا قويۇلغان، باشقا بېكەتلەرتۆمۈريول قاتنىشىنىڭ تېخنىكىلىق مەشغۇلات پونكىتى قىلىنغان.

كېرىيە ۋوگزالى.

سۈرەت مەنبەسى: ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خې گوخۇي، لى فېڭ فوتوسى

نىيە ۋوگزالى.

سۈرەت مەنبەسى: ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خې گوخۇي، لى فېڭ فوتوسى

چەرچەن ۋوگزالى.

سۈرەت مەنبەسى: ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خې گوخۇي، لى فېڭ فوتوسى

خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولى

دۇنيادىكى 2- چوڭ كۆچمە قۇملۇق —تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان،

534 كىلومېتىرى قۇم ـ بورانلىق رايوندىن ئۆتىدىغان بولۇپ، لىنىيە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ % 65ىنى ئىگىلەيدۇ،

تىپىك قۇملۇق تۆمۈريولى ھېسابلىنىدۇ.

سۈرەت مەنبەسى: جۇڭگو تۆمۈريول تورى

خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن،

تۆمۈريول تارماقلىرى يولۇچىلار پويىزىدىن ئىككىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ

لىنىيە بويىدىكى ئامما يولۇچىلار پويىزىغا ئولتۇرۇپ چاقىلىق، كورلا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا بىۋاسىتە بارالايدۇ

خوتەندىن چاقىلىق، كورلا، ئۈرۈمچىگە ئەڭ تېز بولغاندا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا

11 سائەت 26 مىنۇت، 17 سائەت 50 مىنۇت، 24 سائەت 23 مىنۇتتا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

بۇ تۆمۈريولنى بويلاپ ماڭسىڭىز

خوتەنگە بېرىپئازادە، گۈزەل خوتەن تۇەنچېڭنى ئايلىنالايسىز

ماتېرىيال سۈرەت

بىپايان تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ھۇزۇرلىنالايسىز

ماتېرىيال سۈرەت

دەريابويى يېزىسىغا بېرىپ ئىپتىدائىي ھالەتتىكى ئاددىي قۇملۇق تۇرمۇشىنى ھېس قىلالايسىز

ماتېرىيال سۈرەت

كوئېنلۇن تېغى چوڭ جىلغىسىدىكى قار ياكى ئوتلاق مەنزىرىسىدەك ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرەلەيسىز

ماتېرىيال سۈرەت

كورلىغا بېرىپئاق قۇلار ئۇچۇپ تۇرىدىغان كۆنچى دەرياسى بويىدائەركىن سەيلە قىلالايسىز

سۈرەت مەنبەسى:ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتىۋېي يىنخېفوتوسى

لوپنورلۇقلار كەنتىدە قۇملۇقتىكى ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتتىن ھۇزۇرلىنالايسىز

جوۋ يى فوتوسى

باغراش كۆلىدە بىر مەيدان كۈن پېتىشنى كۆرەلەيسىز

سۈرەت مەنبەسى: بايىنغولىن ئوبلاستى مەدەنىيەت - ساياھەت ئاۋازى

تۆمۈريول تارماقلىرى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 12دىن باشلاپ خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى پويىزىنىڭ بېلىتىنى سېتىشنى باشلىدى

↓↓↓

تۇنجى قېتىملىق خوتەندىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان 5818 - قېتىملىق پويىز 6-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەن ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، 6-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 11دىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدۇ، پۈتۈن مۇساپىگە كەتكەن ۋاقىت24 سائەت 23 مىنۇت؛

تۇنجى قېتىملىق ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە قاتنايدىغان 5816 - قېتىملىق پويىز 6- ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 20دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، 6-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 21دىن 13 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەن ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدۇ، پۈتۈن مۇساپىگە كەتكەن ۋاقىت 24 سائەت 23 مىنۇت.