ئارشاڭ ناھىيەسى: ياز كۈنلىرىدە سۇلۇق يەرنىڭ مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل

日期:2022年06月14日
来源:天山网
【字体:

6-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئارشاڭ ناھىيەسىئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى ئاسما يولغا بوشلۇقتىن قارىغانداسۈرەتتەك گۈزەل كۆرۈنىدۇ.

تىيانشان تورىخەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر سەي يۇڭجيېفوتوسى، خەۋىرى)يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئارشاڭ ناھىيەسى بورتالا دەرياسىدىكى كەمچىل سۇلۇق يەر بايلىقىنى قوغداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە ساياھىتى ئۇسۇلىنى ئاساس قىلىپ، سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ مەنزىرىسى ۋە مەدەنىيەت بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، شەھەر رايونىدىكى سۇلۇق يەرنى رايون خاسلىقىغا ئىگە بولغان، سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئىستىراھەت، كۈتۈنۈش، مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش، مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشكەنسۇلۇق يەر باغچىسى، ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداپ يېتىشتۈرۈش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، «يېرىمى سۇلۇق يەر، يېرىمى شەھەر، شەھەر مەنزىرە ئىچىدە، مەنزىرىنىڭ ئۆزى بىر شەھەر»دىن ئىبارەت يېشىل ئېكولوگىيە مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى.