ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭغا كېلىپ ئۆزگىچە بىر مەيدان ئوقۇش پۈتكۈرۈش ساياھىتى قىلىڭ

日期:2022年06月13日
来源:天山网
【字体:

@ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن بارلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلىشىپ قالدى

قەلەم قاپچۇقىنى ياپقان شۇ ۋاقىتتا

سىرتقا چىقىپ راسا ئوينىۋالغۇڭىز كەلدىمۇ؟

بىر ۋاق تويغۇدەك تاماق يېيىش، بىر مەيدان ناخشا كېچىلىكى كۆرۈش

پىراۋا ئېلىش، كۈن چۈش بولغۇچە ئۇخلاش

ياكى ماڭدىم دەپلا ماڭىدىغان بىر مەيدان ساياھەت قىلىش

يۈرۈڭ! مۇخبىر بىلەن بىرلىكتە

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شىنجاڭدا قانداق ئوينايدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ

غۇلجىنىڭ ياز كۈنلىرىدىكى قۇياش نۇرىدىن بىر قېتىم ھۇزۇرلىنىش

ئەدەبىيات-سەنئەت، كونىچە ئۇسلۇب، يېڭىچە ئۇسلۇب...

سىز قايسى تۈردىكى ئوقۇش پۈتكۈزۈش سۈرىتىنى ياقتۇرىسىز؟

غۇلجىدىكى قازانچى، نارات يايلىقى

ئۆزىڭىزنىڭ جەزبىدار سالاپىتىنى قانغۇچە نامايان قىلالايسىز

مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا بىر قېتىم ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ مېڭىپ بېقىش

سىز ناۋادا بىر شىنجاڭلىقتىن:

قانداق قىلغاندا ئەڭ قىسقا ۋاقت ئىچىدە شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىنى ساياھەت قىلغىلى بولىدۇ؟ دەپ سورىسىڭىز

چوقۇم، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا بىر قېتىم مېڭىڭ، دېگەن جاۋابقا ئېرىشىسىز

چۆل-باياۋاندىن ئېگىز تاغ جىلغىلىرىغىچە

سۇلۇق يەر ئوتلاقلىرىدىن بۇلۇتلار بىلەن قاپلانغان ئورمانلىققىچە

سىزگە «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول»نى ھېس قىلدۇرىدۇ

قۇمتاغ قۇملۇقىدا بىر قېتىم قۇم كېچىش

«سۈرەت ۋە قايناق ھېسيات»تىكىدەك قۇملۇقتا قۇم كېچىش

بۇنى ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدۇ!

بىپايان قۇملۇقتا تۇرغاندىن سىرت دۇنيانىڭ چەكسىزلىكىنى ھېس قىلالايسىز

قۇم كېچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا دوستلىرىڭىز بىلەن

ھەيۋەتلىك قۇملۇقتا سۈرەتكە چۈشەلەيسىز

كىشى قەلبىنى داۋالايدىغان بىر مەيدان كۈن پېتىشتىن ھۇزۇرلىنىش

ئۈرۈمچى يامالىق تېغى ئورمانباغچىسىغا بېرىپ

بىر مەيدان رومانتىك كۈن پېتىش ئۇچرىشىشى قىلىڭ

تۈن پەردىسى يېپىلىپ چىراغلار يېقىلغاندا

ئەڭ ياخشى ئورۇندىن بىرنى تېپىپ

گۈزەل مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتسىڭىز بولىدۇ

ماڭدىم دەپلا ماڭىدىغان دالىدا قونۇش ساياھىتى قىلىش

چىدىر، سومكا، ئۇخلاش خالتىسى، كاۋاپ، تاۋۇز...

ئۆينى كەڭ تەبىئەتكە كۆچۈرۈپ چىقىپ

چىدىردا يېتىپ، ئاسمانغا قاراپ

ئېقىن سۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالغاچ، كاۋاپ يەپ كونا ناخشىلارنى ئېيتىڭ

كەڭ تەبىئەتنىڭ ئويغىتىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ

ساپ ھاۋادىن بەھۇزۇر نەپەسلىنىڭ

يۇلتۇزلۇق ئاسماندىكى ئاقار يۇلتۇزنى بىر قېتىم سۈرەتكە تارتىش

گۈزەل ئاقار يۇلتۇزلارنى كۆرۈپ باقمىغانلاردىن يەنە كىملەر بار؟

شەھەردىن يىراقلىشىپ، باشنى كۆتۈرۈپلا چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى كۆرۈش

يۈزلىگەن يۇلتۇزلار ئاسماندا چاقناپ

سىزنىشىمالىي يېرىم شارنىڭ ياز كۈنلىرىدىكى «تاتلىق ئېقىم»دىن بەھرىمەن قىلىدۇ

ئەسلىمىگە تولغان كېچىلىك بازاردىن بىر قېتىم ھۇزۇرلىنىش

كۆپ يىللاردىن كېيىن، سىز مەكتەپنىڭ يېنىدىكى

ئىس-تۈتەك بىلەن قاپلانغان كەچلىك بازارنى ئەسلىيەلەمسىز؟

بولمىسا، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن كەچلىك بازاردا يىغىلىپ

مەززىلىك كاۋاپ يەپ، مۇزدەك كاۋاس ئىچىپ

جۇشقۇن ناخشا- مۇزىكا ۋە رومانتىك كېچە ئاسمىنىدا

گۈزەل مىنۇتلار ۋە خۇشاللىقلاردىن ھۇزۇرلىنىڭ

بىر مەيدان ئېسىل كىنو كۆرۈڭ

شىنجاڭ خەلق تىياتېرخانىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سوراش ئۈچۈن

«جىڭلى لېشياڭ كىنو كۆرۈش»پائالىيىتىنى يولغا قويدى

ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مۇشۇ يىللىق ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسى ئارقىلىق بىر كېنىشكىگە بىر ئادەم ھەقسىز كىنو كۆرۈشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ

پائالىيەت مەزگىلىدە ھەر بىر ئادەم بىر قېتىم ھەقسىز كىنو كۆرەلەيدۇ

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن، بارلىق چارچاش ۋە زېرىكىشلەرنى ئۇنتۇپ

ئۆزىڭىزنى قويۇپ بېرىپ ساياھەت قىلىڭ

ئۆتكەن ۋاقتىڭلارغا چىكىت قويۇڭ

ياشلىقتا ھەممە ئىش يارىشىدۇ!