يىپەك يولى خەزىنىسى−شىنجاڭدىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى: قىزىل مىڭئۆي

日期:2022年06月10日
来源:天山网
【字体:

  2022-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى

  مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراس كۈنى

  شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەبىئىيمىراسلىرى مول

  بۇ قېتىم

  سىزگە شىنجاڭدىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تونۇشتۇرىمەن

قىيادىكى قىزىل مىڭئۆينىڭ بىر قىسىم غارلىرى.

  شىنجاڭدا دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، بىرى 1987-يىلى سەددىچىن سېپىلى بىلەن بىللە تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن «شىنجاڭ سەددىچىن سېپىلى بايلىقى»؛ ئىككىنچىسى، 2014-يىلى تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن «يىپەك يولى: چاڭئەنتىيانشان كارىدورىيول تورى»، يارغول قەدىمىي شەھىرى، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى، قىزىل مىڭئۆي، سۇباشى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى ۋە قىزىلگاھ تۇراسىنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ ئىچىدە.

  قىزىل مىڭئۆي

  ئورنى: باي ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا

  دەۋرى ۋە ئورنى: مىلادىيە 3-ئەسىردە ياسالغان بولۇپ، جۇڭگو تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن ياسالغان چوڭ تىپتىكى تاش ئۆڭكۈر توپىدۇر

  مۇزات دەرياسى جىلغىسىدا

   مىڭئۆيتېغى باغرىدىكى قىيادا بىر چوڭ تىپتىكى غار توپىبار بولۇپ

  ئۇ دەل قىزىل مىڭئۆي.

  بۇ غار توپىنىڭ تۆت رايونى بار بولۇپ، نومۇر قويۇلغان ئۆڭكۈر 349

  بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر مۇكەممەل، تام رەسىملىرى بىرقەدەر كۆپ ساقلانغانلىرى ئۈچتىن بىر قىسىمنى ئىگىلەيدۇ

  ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 5000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان تام رەسىمدە

  بۇددا تەزكىرىسى، جاتاكا ھېكايىلىرى

  ئەينى چاغدىكى كىشىلەرنىڭ ئەمگەك مەنزىرىسى ۋە تۇرمۇش ئادىتى خاتىرىلەنگەن

  يەنە غەربىي يۇرتنىڭ مەنزىرىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان تاغ-دەريا، ئۇچار قانات، ھايۋانلارنىمۇ ئەكس ئەتتۈرگەن

  20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا

  داڭلىق رەسسام خەن لېرەن ئىلگىرى كۆپ قېتىم قىزىل مىڭئۆيگە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ

  ماي بوياق رەسىم، سۇ بوياق رەسىم ئۇسۇلى ئارقىلىق زور مىقداردىكى تام رەسىملىرىنى تەقلىد قىلىپ سىزغان

  قىزىل مىڭئۆيشىنجاڭنىڭ جەمئىيەتتارىخىنى تەتقىق قىلىش

  بۇددا دىنى مەدەنىيىتى ۋە شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى