ھېچكىم خوتەندىن ئاچ قورساق ئايرىلمايدۇ!

日期:2022年06月09日
来源:天山网
【字体:

ئەگەر خوتەنگە كەلسىڭىز ئورۇقلاشنى ئويلىماڭ، بولۇپمۇ كەچتە تاماق يېمەيمەن دېمەڭ، بۇھەرگىز مۇمكىن ئەمەس!

ھەربىر شەھەرنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسى بولىدۇ، مەسىلەن،چېڭدۇنىڭ خوگوسى، چۇڭچىڭنىڭ زىخلىق يېمەكلىكلىرى... شىنجاڭ خوتەندە، كەچلىك بازار دەل ئۇنىڭ خاس بەلگىسىدۇر.

سۈرەت مەنبەسى: خوتەن ياخشى جاي (和田是个好地方)

  بىر كۈنلۈك ئالدىراشلىقنى ئاخىرلاشتۇرغان كىشىلەر بېرىشنى ئەڭ خالايدىغان جاي دەل كەچلىك بازاردۇر. تۈن پەردىسى يېيىلىپ شەھەرنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرى چىراغلار چاقناپ تۇرغان كەچلىك بازارغا مۇجەسسەملىنىدۇ، بۇ يەردە شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلىش بىلەن بىللە مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنالايسىز.

سۈرەت مەنبەسى: خوتەن ياخشى جاي (和田是个好地方)

سۈرەت مەنبەسى: HenryYe@شياۋخۇڭشۇ (小红书)

  كاۋاپ، قاقلاپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم، سامسا، كەپتەر كاۋىپى... ئېسىل يېمەكلىكلەر كۆپ ھاللاردائەڭ ئاددىي ئۇسۇلدا ئېتىلىدۇ،«قاقلاپ پىشۇرۇش» شىنجاڭغا تەۋەخاسلىق، خوتەنگە خاس تەم بولۇپ،مايلىرى تەپچىرەپ تۇرغان ھەر خىل كاۋاپلار ئۇستامنىڭ قولىدا ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئاجايىپ ئېسىل تەمگە كىرىدۇ.

كەچلىك بازاردىكى كاۋاپلار چوڭ، مىقدارى يېتەرلىك، تەمى يېڭى. مەززىلىك كاۋاپ پىشۇرۇشتا ئەڭ ئاۋۋالقىتەييارلىق خىزمەتلەر كەم بولسا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە،گۆشكە پىياز، قارىمۇچ، تۇز، تۇخۇم قوشۇلۇپنەچچە سائەت تەم كىرگۈزۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن گۆش تېخىمۇ يۇمران بولۇپ، قاڭسىق پۇرىقى يوقايدۇ، بۇنىڭغا كاۋاپ نان، پىۋا قوشۇلسا... ( شۆلگىيىڭىزنى تېز سۈرتۈڭ...)

سۈرەت مەنبەسى: خوتەن ياخشى جاي (和田是个好地方)

  قاقلانغان تۇخۇم خوتەن كەچلىك بازىرىنىڭ بىر چوڭ خاسلىقى، توخۇ تۇخۇمى، ئۆردەك تۇخۇمى، غاز تۇخۇمى، بۆدۈنە تۇخۇمى، كەپتەر تۇخۇمى... ئىشقىلىپ تۇخۇملا بولىدىكەن، ھەممىسىنى قاقلاپ پىشۇرۇشقا بولىدۇ. قاقلاپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم بىلەن سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇمنىڭ تەمى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، تۇخۇمنىڭ ئېقى سىلىق، ئېلاستىكلىققا ئىگە، سېرىقى ئىنتايىن يۇمشاق بولۇپ، تۇخۇم شاكىلىنىڭ كۆيگەندىكى مەززىلىك پۇرىقىدىن باشقا، تۇخۇمدىن سىرغىپ چىققان شىرنىنىڭ مەززىلىك پۇرىقىمۇ سىزنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ.

سۈرەت مەنبەسى: خوتەن ياخشى جاي (和田是个好地方)

 مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان ياز پەسلىدە،ھەر خىل مېۋە-چېۋىلەر تەبىئىيلا كەم بولسا بولمايدۇ، ئۈزۈم، ئۆرۈك، تاۋۇز، قوغۇن...

سۈرەت مەنبەسى:HenryYe@شياۋخۇڭشۇ (小红书)

قېتىق زۇڭزاكەچلىك بازاردىكى بازىرى ئىتتىك يېمەكلىك، كوئېنلۇن چارۋىچىلىق فېرمىسىنىڭ سۈتىدىن ئېچىتىلغان قېتىققا مېۋە مۇرابباسى، ھەسەل ئارىلاشتۇرۇلۇپ،چۈچۈمەل تاتلىق، مۇزدەك سوغۇقزۇڭزا تەييار بولىدۇ، بۇ تەمگە ئېغىز تەگسىڭىز6-ئايدىكى خوتەن كەچلىك بازىرىدائەڭ تاتلىق كىشىگە ئايلىنىسىز.

سۈرەت مەنبەسى: خوتەن ياخشى جاي (和田是个好地方)

خوتەن كەچلىك بازىرىدىكى مەززىلىك تائاملار بىلەن قورسىقىڭىزنى تويغۇزۇپ، سەھنىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلانغان چېغىڭىزدا، مەيلى چوڭ بوتۇلكىلىق شىخو پىۋىسى ياكى كاۋاس بولسۇن، يەنە بىرنەچچە ئىستاكان ئىچىمەي چىداپ تۇرالمايسىز.

سۈرەت مەنبەسى: VXyiyang 7900@دوۋيىن (抖音)

خوتەن كەچلىك بازىرى كونا كەچلىك بازىرىئۆي ئىچىدىكى تار ھەم ئۇزۇن كەلگەن بازار بولۇپ، بىر قاراپلا بۇ يەردىكى مەززىلىك تائاملارنىڭ تۈرىنىڭ كۆپلىكىنى بىلەلەيسىز.

خوتەن كەچلىك بازىرى كونا كەچلىك بازىرىنىڭتىجارەت ۋاقتى: 24:00-18:00 (بۇنىڭدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، سودىگەرلەرنىڭ تىجارەت ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ).

خوتەن كەچلىك بازىرىيېڭى كەچلىك بازىرىنىڭمەركىزىدە 360 گىرادۇسلۇق پۈتۈن مەنزىرىلىك سەھنەبار، بۇ يەردە ھەر كۈنى ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئورۇندىلىدۇ. تىجارەت ۋاقتى: 24:00-18:00 (بۇنىڭدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، سودىگەرلەرنىڭ تىجارەت ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ).

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى