ياز كۈنلىرى شىنجاڭنى ساياھەت قىلغاندا، بۇ پائالىيەتلەر سىزگە چوقۇم بەك ياقىدۇ

日期:2022年06月02日
来源:天山网
【字体:

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئاۋات ناھىيەسى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا سۇ ئۈستى ئويۇن تۈرلىرىگە قاتناشماقتا.

باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت خەۋىرى 5-ئايدا، ئاۋات ناھىيەسى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، بۇ مەنزىرە رايونى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ساياھەتچىلەرنى مۇلازىمەت بىلەن پائال تەمىنلەپ، ھەربىر ساياھەتچىنى خۇشال-خۇرام كېلىپ، خۇشال-خۇرام قايتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئاۋات ناھىيەسى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا كارتىڭ ئاپتوموبىلى ھەيدىمەكتە.

باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئاۋات ناھىيەسى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا كاتېرغا ئولتۇرۇپ سەيلە قىلماقتا.

باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئاۋات ناھىيەسى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى ئۆسۈملۈكلەرباغچىسىدا سەيلە قىلماقتا.

باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، چەۋەندازلار ئات بەيگىسىگە قاتناشماقتا.

ئارداق بېيىسقان فوتوسى

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، 3-نۆۋەتلىك «قانداغاي يۇرتى» خاندىغات مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى ئالتاي شەھىرىنىڭ خاندىغات يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئات بەيگىسى، ئوقيا ئېتىش، چېلىشىش قاتارلىق سەر خىلمۇسابىقە تۈرلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، 3-نۆۋەتلىك «قانداغاي يۇرتى» خاندىغات مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى ئالتاي شەھىرىنىڭ خاندىغات يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە ماھىرلار چېلىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.

ئارداق بېيىسقان فوتوسى

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىئىماملىرىم بازىرىنىڭ تۆۋەنكى مەكىت كەنتى ئېكولوگىيە باغچىسىدا ناتۇرا سىزىش، خەتتاتلىق، فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى پائالىيەت نەق مەيدانى ساياھەتچىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.

ۋەلى قېيۇم فوتوسى

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ «ئەڭ گۈزەل 7-كەنت» تۇنجى نۆۋەتلىك يېمەكلىك زەمبۇرۇغى يىغىش بايرىمى ئىماملىرىم بازىرىنىڭ تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدە باشلاندى، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۈزۈشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپلا قالماي، يەنە مۇسابىقە كۆرۈپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، «يىپەك يولىدىكى بۇلاق شەھىرى . ئۇچتۇرپانداكۈتۈنۈش»نىڭ مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازىرىنىڭ تۆۋەنكى مەكىت كەنتى ئېكولوگىيە باغچىسىدىكى ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار ساياھەتچىلەرنى سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.

ۋەلى قېيۇم فوتوسى

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازىرىنىڭ تۆۋەنكى مەكىت كەنتى ئېكولوگىيە باغچىسىدا، ساياھەتچىلەر ساپال كومزەكنىڭ ياسىلىش جەريانىنى ئىگىلىمەكتە.

ۋەلى قېيۇم فوتوسى