كۇچانىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى مېھمانلارنى جەلپ قىلدى

日期:2019年03月30日
来源:天山网
【字体:

مۇخبىرىمىز جاۋ زىشۈەن خەۋىرى: ئۆرۈكلەر چېچەكلەپ، باھار ھىدى قويۇق بولدى. 3-ئاينىڭ 29-كۈنى، كۇچار ناھىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىنىڭ تەنتەنىلىك باشلىنىشى ھەمدە دۆلەت يولى 217-لىنىيەسى ساياھەت مەنزىرە يولى تىجارەت تۈرىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمى، 400 دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى ئورتاق گۇۋاھ بولۇشقا جەلپ قىلدى.

قەدىمىي قاپىيە، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مۇزىكىلىق ئۇسسۇل، ئۆرۈك چېچىكى ۋاقىت ۋە بوشلۇقنى ئالماشتۇرۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى چەكسىز راھەتلىككە تولغان كاتتا زىياپەتكە ئايلاندى. باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن، پائالىيەتنى ئۆتكۈزگۈچى تەرەپ يەنە ساپال، چالغۇ ياساش، مىستىن ياسالغان ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى، مىللىي كەشتىچىلىك قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى.