گۈزەل شىنجاڭ丨ئەتىيازدىن باشلاپ، باغراش كۆلىنىڭ تۆت پەسلىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ

日期:2022年04月02日
来源:天山网
【字体:

يېقىنقى مەزگىلدە، جەنۇبىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ

  خوشۇت ناھىيەسىنىڭ جىنشاتەندە كۆك مۇز مەنزىرىسى كۆرۈلدى

  گۈزەل شىنجاڭ تورداشلارنىڭ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىغا ئېرىشتى

خوشۇت ناھىيەسىجىنشاتەن

يەنجى ئويمانلىقىنىڭ شىمالىدىكى باغراش كۆلىنىڭ شەرقىي شىمالىيقىرغىقىغا جايلاشقان

قۇم دانىچىلىرىنىڭ رەڭگىسېرىق، يۇمشاق،مەرۋايىتتەك بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان

ئېرىپ كەتمىگەن كۆك مۇز يۈزى

قومۇش، ئالتۇن رەڭلىك قۇم دانىچىلىرى بىلەن بىرلىشىپنۇر چاچىدۇ

كۈچلۈك رەڭلەرنىڭ ئۇچرىشىشى بىلەن گۈزەل يۆگىمە رەسىم ھاسىل بولىدۇ

باغراش كۆلى

ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى بولۇش سۈپىتى بىلەن

سۇ رايونىكۆلىمى 1646 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ

شەرقىي شىمالىي قىرغاقتىكى جىنشاتەندىلا ئەمەس

باشقا سۇ رايونلىرىدىمۇ «دائىردىن چىقىپ كېتىش» ئەھۋاللىرى ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈلىدۇ

بىر يىلنىڭ تۆت پەسلى تولىمۇ جەلپكار

باھاردا

لەيلىمە مۇزلار دەسلەپتە ئېرىگەندە، كۆل يۈزىدىكىنۇر كۆزنى قاماشتۇرىدۇ

باش باھارنىڭ ئالدى-كەينىدە

باغراش كۆلىدىكى لەيلىمە مۇزلار ئېرىشكە باشلايدۇ

كۆل يۈزىدىكى نۇر جۇلالىنىپ قاشتېشىدەك پارقىرايدۇ

ھاۋا بىردەم ئىسسىق، بىردەم سوغۇق

بىر توپ ئاق قوتان، كۆك قوتانلار

بەزىدە بوشلۇقتا ئايلىنىپ سايرىسا

بەزىدە سۇ ئۈزۈشۈپ، بىر-بىرىنى قوغلىشىدۇ

يەنە بەزىدە كۆلبويىدىكى قومۇشلار ئارىسىدا ئۇچرىشىپ قانات قېقىشىدۇ

بۇنىڭ بىلەن قۇشلارئىناق بىللە ياشاۋاتقانئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمى ھاسىل بولىدۇ

بىر توپ قىزىل ئۆردەك باغراش ناھىيەسىتەۋەسىدىكى باغراش كۆلى سۇلۇق يېرىدە پەرۋاز قىلماقتا. (ماتېرىيال سۈرەت)

سۇ قۇشلىرى باغراش كۆلى جىنشاتەن مەنزىرە رايونىدىكى قومۇشلۇقتا تۇخۇم باسماقتا. (ماتېرىيال سۈرەت)

يازدا

دولقۇنلار جىمىرلاپ، زۇمرەتتەك كۆك كۆرۈنىدۇ

شامال چىققاندا

باغراش كۆلىدە دولقۇنلار

خۇددى بىپايان دېڭىزدىكىدەك مەۋج ئۇرۇپ

بېلىقلار سەكرىشىپ

سەيۋەيدىكى بېلىق ۋە گۈرۈچ ماكانىغا ئوخشاپ قالىدۇ

شامال توختىغاندا

كۆلدىكىدولقۇنلار جىمىرلايدۇ

ھەممىلا يەرزۇمرەتتەك سۇ بولۇپ

ئەڭ گۈزەل ماكانغا ئوخشاپ قالىدۇ

بوشلۇقتىن تارتىلغان باغراش كۆلى بويىدىكى 10 مىڭ مولۇق قومۇشلۇق (ماتېرىيال سۈرەت)

بوشلۇقتىنتارتىلغان باغراش ناھىيەسى تاۋۇنجۆگۈن يېزىسىنىڭ كېرىم خار كەنتىدىن خوشۇت ناھىيەسىنىڭشىنتارا يېزىسىغىچە بولغان يېزا-كەنت تاشيولى. (ماتېرىيال سۈرەت)

باغراش ناھىيەسىبۆلىكىدە تارتىلغان باغراش كۆلى سۇلۇق يەر مەنزىرىسى. (ماتېرىيال سۈرەت)

 كۈزدە

 قومۇشلار بۈك-باراقسان، ياتما نېلۇپەرلەرقويۇق كۆرۈنىدۇ

كۈزدىكى باغراش كۆلىدە

كۆل يۈزى خۇددى سۈزۈك ئەينەكتەك كۆرۈنىدۇ

كۆل سۈيى سۈزۈك، زۈمرەتتەك بولۇپ،

كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئارىسىدا

بۇ مەنزىرە تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ

يىراققا نەزەر سالغاندا

كۆل يۈزىدىكى ياپيېشىل نېلۇپەر يوپۇرماقلىرى بىر-بىرىگە تۇتۇشۇپ

پورەكلەپ ئېچىلغان نېلۇپەر گۈللىرىگە ھۆسن قوشىدۇ

بېلىقچىلار قولۋاقلىرىنى ھەيدەپ

بەزىدە تور سېلىپ بېلىق تۇتۇپ

مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمىدۇ

بېلىقچى باغراش كۆلىدە تور سېلىپ بېلىق تۇتماقتا. (ماتېرىيال سۈرەت)

  باغراش ناھىيەسىباغراش كۆلى مەنزىرە رايونى. (ماتېرىيال سۈرەت)

باغراش كۆلى جەنۇبقا كۆچۈۋاتقان زور بىر تۈركۈم پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى. (ماتېرىيال سۈرەت)

ئاق قۇ باغراش ناھىيەسىنىڭباغراش كۆلى بەيلۇجوۋدا پەرۋاز قىلماقتا. (ماتېرىيال سۈرەت)

ئالتۇن كۈز پەسلىدىكى باغراش كۆلى بويىدا، ئالتۇن رەڭلىك قومۇشلۇق، كۆك رەڭلىك كۆل سۈيى تەبىئىي پەيدا بولىدۇ. (ماتېرىيال سۈرەت)

 * قىش پەسلىدە *

* باغراشكۆلى كۈمۈش لىباس كىيىدۇ، قار- مۇزلار خۇددى رەسىمگە ئوخشايدۇ *

  قىش پەسلىگە كىرگەندە

  باغراش كۆلىقار-مۇزلار بىلەن قاپلىنىدۇ

  ياز كۈنلىرىدىكىئىس-تۈتەكلەر كۆرۈنمەيدۇ

  سۇ شاۋقۇنىقۇلاققا يەتكەندە

  كۆز ئالدىمىزدىكى كۈمۈش لىباس كىيگەن مەنزىرە تولىمۇ گۈزەل

  كۆل يۈزىدە

  ئالتۇن رەڭلىك قومۇشلار ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل بولۇپ كېتىدۇ

   قومۇش پۆپۈكى، قومۇش يوپۇرمىقىدىكى مۇزلار يالتىراپ تۇرىدۇ

  ئېچىلغان ئاق رەڭلىك مۇز گۈللىرىگە يىراقتىن نەزەر سالغاندا

  يەنە بىر خىل گۈزەل مەنزىرە ھاسىل بولىدۇ

  كۆل بويىدىكى چۆللۈكتە

  توپ-توپ ئاق بوغۇز بۆكەنلەر غەمسىز ئوزۇق ئىزدەپ يۈرۈشىدۇ

  جەرەن، ياۋا توشقان، تۈلكىلەر

  ياكى ئورنىداتۇرۇپ يىراققا تىكىلىپ قارايدۇ

  ياكى ئوينىشىپ يۈگۈرۈشىدۇ

  بۇنىڭ بىلەن قىش پەسلىدىكى گۈزەل مەنزىرە بارلىققا كېلىدۇ.

  بىر ئاق بوغۇز بۆكەن ئورمانلىقتا چېپىپ يۈرمەكتە. (ماتېرىيال سۈرەت)

  بىر ئاق قوتان سۇدا ئوينىغاچ ئوزۇق ئىزدىمەكتە(ماتېرىيال سۈرەت)

  توپ-توپ سۇ قۇشلىرى كۆل يۈزىدە پەرۋاز قىلماقتا(ماتېرىيال سۈرەت)

  دېھقانلار باغراش كۆلىدىكى لوشياۋەندە چوڭ تىپتىكى ماشىنا بىلەن قومۇش ئورۇماقتا. (ماتېرىيال سۈرەت)

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،

  باغراش كۆلى سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ

  بارغانسېرى كۆپ پەسىل قۇشلىرى «بۇ يەردىن كېتىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدى»

  سۇلۇق يەر، ئېگىز تاغ، چۆللۈك، قۇملۇق قاتارلىق

كۆپ خىل يەر شەكلى

  ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىشىنى

  ئەۋزەل تەبىئىي شارائىت بىلەن تەمىنلىدى

  بېلىقچىلار كەچتە قايتقاندا ناخشا ئېيتسا،ياۋا غازلار ئۈركۈپ قاچىدۇ

  قومۇشلۇقتا ئۆردەكلەر غاقىلدايدۇ، كەچكى شەپەقتە ئاتلار سۇغىرىلىدۇ

  بىر يىلدىكى تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈپتۈگەتكۈسىز مەنزىرە پەيدا بولىدۇ

  ھەربىر قەدەمدە گۈزەل مەنزىرىلەر كۆرۈنىدۇ

  ھەربىر يەرنىڭ مەنزىرىسى قوغدىلىدۇ

  بۇنداق باغراش كۆلىنى

  سىز ياخشى كۆردىڭىزمۇ؟

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى