2019-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيەسىدىكى ئون مىڭ مولۇق ئۆرۈكلۈك باغدا چېچەك سەيلىسى قىلدى. 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، توقسۇن ناھىيەسىدە قۇياش نۇرى پارلاپ، يېشىللىق ۋە گۈلگە پۈركەنگەن باھار مەنزىرىسى شەكىللەندى، ئۆرۈك چېچەكلىرى بەس-بەستە چېچەكلەپ، باھار مەنزىرىسىگە پۈركەنگەن باغلار سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرىپ، كىشىلەرنى مەستخۇش قىلدى.