لوپنۇر دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ باھار مەنزىرىسى

日期:2019年03月27日
来源:天山网
【字体:

3- ئاينىڭ 26- كۈنى، شىنجاڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى لوپنۇر ناھىيەسىگە جايلاشقان لوپنۇر دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا باھار ھىدى قويۇق بولدى. ئەتىيازلىق كۈن- تۈن تەڭلىشىشتىن كېيىن، تارىم دەرياسى سۇلۇق يېرىدە رەڭگارەڭ مەنزىرە شەكىللەندى، دەريا چوڭ- كىچىك كۆللەرنى شەكىللەندۈرۈپ، توغراق، يۇلغۇن ۋە قۇم بارخانلىرى بىلەن بىرلىشىپ جۇلالاندى، پەسىل قۇشلىرى سۇلۇق يەردە ئەركىن ئۇچۇپ، كۆپلىگەن فوتو- سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى سۇلۇق يەرنىڭ باھار مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارىم دەرياسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئىككى قىرغاقتىكى يېشىل كارىدورنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرى كۈنسېرى كۆپىيىپ، جۇشقۇن مەنزىرە قايتىدىن نامايان بولغان. تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالى، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا- تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان لوپنۇر دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ كۆلىمى 1766.7 گېكتار كېلىدۇ، ئىقلىمى تىپىك قۇرغاق چۆللۈك بەلۋاغ ئارا نەم يەر ئىقلىمىغا تەۋە، دەريا سۇلۇق يېرى، سازلىق سۇلۇق يېرى، قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىكى كۆل، دەريا ساھىلى قاتارلىق سۇلۇق يەر تۈرلىرى بار بولۇپ، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، توغراقلىق ئېكولوگىيەلىك ساياھىتى، سۇلۇق يەر ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلىرىنى تاماشا قىلىش، شۇنداقلا سۇلۇق يەر بايلىقى تەشۋىق- تەربىيەسى بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسى.

بۇ يەردىكى سۇلۇق يەر ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تۈرى 10 خىلدىن ئاشىدۇ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئۆسۈملۈك ئالتە خىل بولۇپ، قومۇش، يېكەن، توغراق، يۇلغۇن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، باغچىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈرى بىر قەدەر كۆپ، ياۋايى ھايۋانلاردىن ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار 160 نەچچە خىل، دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن بەش خىلى بار، ئاساسلىقى قارا لەيلەك، سېرىق بۈركۈت، ئاق يەلكە بۈركۈت، سۇر لەيلەك، ئۇقار، چوڭ ئاق قۇ، رەڭدار جۇغۇر، تارىم توشقىنى قاتارلىقلار بار.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ