شىنجاڭ خېجىڭ: قايدۇ دەرياسى بويىدىكى ئاق قۇلار

日期:2019年03月10日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيە بازىرىغا ئارىلىقى 20 كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان جايدا، ئۈچ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇققا سوزۇلغان دەريا سۈيى پارقىراق ھەم سۈزۈك بولۇپ، يىل بويى مۇز تۇتمايدۇ، بۇ جاينى يەرلىكتىكى ئامما ئاق قۇ قولتۇقى دەپ ئاتىشىدۇ. ھەر يىلى 11- ئايدا، بايىنبۇلاق قاتارلىق جايلاردىن ئۇچۇپ كەلگەن ئاق قۇلار ئاق قۇ قولتۇقىدىكى سۇلۇق يەردە قىشتىن ئۆتىدىغان بولۇپ، ئاق قۇ سانى يىلدىن-يىلغا كۆپەيمەكتە.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېجىڭ ناھىيەسى ئېكولوگىيەنى قوغداش سالمىقىنى زورايتقاچقا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىزچىل ياخشىلىنىپ، قايدۇ دەرياسى ھەر يىلى قىش ئۆتكۈزگىلى كېلىدىغان نۇرغۇن ياۋا ئاق قۇ ۋە سۇ قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى.

ئەسلى خەۋەرنى بۇ جاينى چېكىپ كۆرۈڭ