داۋانچىڭ

日期:2019年02月26日
来源:天山网
【字体:

داۋانچىڭ شىنجاڭ تىيانشان تېغىنىڭ شەرقىي بۆلىكىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا بولغان بۇغدا چوققىسىنىڭ جەنۇبىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىگە 80 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ، 312-دۆلەت يولى بۇ جاينى ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ.

يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىلگىرى، ئەگەر سىز بۇ يەرگە كەلگەن بولسىڭىز، قۇم بوراننىڭ بۇ يەرگە دائىم «مېھمان» بولۇپ كېلىدىغانلىقىنى، بىرنەچچە تۈپ قارىياغاچ دەرىخى ۋە 20 نەچچە ئائىلىلىكنىڭ بۇ يەرنى ئانچە كۆزگە چېلىقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغان بولاتتىڭىز.

قايتا تۈزۈلگەن «داۋانچىڭ قىزى» ناملىق ناخشا داۋانچىڭدىن ئىبارەت بۇ كىچىك بازارنى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە چەت ئەللەرگە تونۇتتى.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن شىنجاڭغا كاماندىروپكىغا ۋە ساياھەتكە كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەر داۋانچىڭنىڭ نامىنى ئاڭلاپ، داۋانچىڭ قىزىنىڭ سالاپىتىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن داۋانچىڭغا باراتتى.

لېكىن كەڭ دالىدا قاتار-قاتار قەد كۆتۈرۈپ جىمجىت ياكى شامالغا ئەگىشىپ ئاستا ئايلىنىپ تۇرغان چوڭ چاقپەلەكلەر، قويۇق ئادىمىيەت بايلىقى توپلانغان ۋە تەبىئىي مەنزىرىلىك قەدىمىي بازار، يەنە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بوغدا چوققىسى، ئەزەلدىن جىمجىت چۆل-باياۋان، چەكسىز كەتكەن تۇز كۆل ئالدىدا، گۈزەل داۋانچىڭ قىزىنى ئىزدەپ تېپىش ئۇنچە مۇھىم بولماي قالاتتى، چۈنكى سىز داۋانچىڭغا كىرسىڭىز، ياكى داۋانچىڭغا يىراقتىن نەزەر سالسىڭىز، داۋانچىڭ قىزىنىڭ ھەقىقىي ھىدىنى ھېس قىلالايسىز.