قىشتىكى قابا، ئاق قېيىنزارلىققا باغلانغان رىشتە

日期:2019年02月20日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگودىكى بىرىنچى ئاق قېيىنزارلىق ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قابا ناھىيەسىگە جايلاشقان.

ئاق قېيىنزارلىقتىن سۆز ئېچىشقا توغرا كەلسە، قابا دەرياسىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ، قابا دەرياسى ئالتاي تاغ تىزمىسىدىن باشلىنىپ، قابا ناھىيەسىدىكى تېرەكتى يېزىسى، چىبار يېزىسى، كۆلباي يېزىسىدىن ئۆتۈپ، ئېرتىش دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ، پۈتكۈل دەريانىڭ ئۇزۇنلۇقى 139 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئاق قېيىنزارلىق قابا دەرياسىنىڭ ئىككى يېقىدا ئۆسىدۇ. شۇڭا، قابا دەرياسى بولمىسا ئاق قېيىنزارلىقمۇ بولمايدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.

ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، مول سۇ بايلىقى ئاق قېيىنزارلىق ئۈچۈن ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بۇ ئەڭ چوڭ تەبىئىي ئاق قېيىنزارلىق بەلبېغى___ دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسى، AAAA دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

قىشتىكى قېيىنزارلىق

دەل مۇشۇ پەسىلدە، ئاق قېيىنزارلىقتا ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرە تۇمان سۆڭگىسى شەكىللىنىدۇ.