سۈرەتتە ئات بەيگىسى ئېلىپ بېرىلماقتا.
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر تيەن گوجيەن): 2-ئاينىڭ 16-كۈنى، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىدە 11-نۆۋەتلىك جاڭغىر مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى. قاراماي، تارباغاتاي، ئالتاي، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 7-، 8-، 9-شىسىدىكى ھەر مىللەت ئامما بىرلىكتە ئات بەيگىسى، ئوقيا ئېتىش، چېلىشىش، قارلىق دالا پۇتبولى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشتى.