غۇلجا ناھىيەسى: ئاق قۇلار سۇ يۈزىدە كۆڭۈللۈك ئويناپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى

日期:2021年02月01日
来源:天山网
【字体:

100دىن ئارتۇق ئاق قۇ كۆل يۈزىدە ئۈزۈپ ئوينىدى، ساياھەتچىلەر بولسا قىرغاقتا قاردىن كېيىنكى تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسىنى سەيلە قىلدى. بۇ بىرقانچە كۈندە، غۇلجا ناھىيەسى يېڭىتام بازىرى ئاق قۇ بۇلىقى ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا، ئاق قۇنى تاماشا قىلغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

تۇمان ئىچىدە ئاق قۇ كۆل يۈزىدە ئەركىن ئۈزۈپ يۈرمەكتە.

ئاق قۇ بۇلىقى سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى نۇرغۇن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلدى.

بۇ يىل، غۇلجا ناھىيەسى «ئاۋات پەسىلدە تېخىمۇ ئاۋاتلىشىش، كاسات پەسىلدە كاساتلاشماسلىق»تىن ئىبارەت پۈتۈن پەسىللىك، پۈتۈن مەزگىللىك ساياھەت ئىشلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق قېزىپ، تۈرلۈك ساياھەت يېڭى تەدبىرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇپ، ئۆرۈك يۇرتى ساياھىتىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە داڭقىنى كېڭەيتىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، شۇ جاي ساياھىتىنىڭ سىجىل جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

غۇلجا ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى نيې فاڭ مۇنداق دېدى: «2021-يىلى، غۇلجا ناھىيەسى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى نۇقتىلىق ئىككى جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرىدۇ: بىر تەرەپتىن، يىرىك پىلاننى ئالدىن يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يىل ئىچىدە 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، غۇلجا ناھىيەسى توغراسۇ مەنزىرە رايونى تاشيولى قۇرۇلۇشى، تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشى، توغراسۇ چاماخۇ بازىرى ۋە توغراسۇ مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تۈرلەرنى تاماملاپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى، قار-مۇز ساياھەت بايرىمىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئاساسىدا، <ئۈزۈش ساياھىتى>، <بازار ساياھىتى>قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ساياھەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ».

مەنبە: غۇلجا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى