1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

بۇ يەردە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونى ئوقۇپ چۈشىنىسىز

日期:2020年09月16日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3-تومىنى ۋاراقلىغاندا، ھەممە يەردە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ چاقنىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى − جۇڭگونى يېتەكلەيدىغان، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمى، 21-ئەسىر ماركسىزمى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى بايرىقى ۋە مەنىۋى بايرىقىدۇر. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئوقۇپ چۈشەنگەندە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونى چۈشەنگىلى بولىدۇ.

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو − تارىختىن كەلگۈسىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتتۇر. تارىخ − رىئاللىقنىڭ مەنبەسى، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ بۈگۈنى تۈنۈگۈندىن كەلگەن. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، بۇ، يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئۇزاق جاپا- مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. دۇنيانى ھال-تاڭ قالدۇرغان «جۇڭگو مۆجىزىسى» نىڭ كەينىدە جۇڭگو يولى بار، بۇ يول ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدىن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى سىجىل ئىزدىنىشتىن كەلگەن؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابتىن كەلگەن؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى زاۋاللىقتىن گۈللىنىشكىچە بولغان ئەگرى-توقاي مۇساپىسىدىن كەلگەن؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش مۇساپىسىدىن كەلگەن.

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو − ئۆزگىرىش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت. جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسى ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ ئارزۇسى بىلەن زىچ تۇتاشقان. جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش − تىنچ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۇقىم خەلقئارا تەرتىپتىن ئايرىلالمايدۇ، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ كەلدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت ئالدىدا، دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ئالدىدا، بىز خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش باشلامچىسىغا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك، شۇنداقلا خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرىدىغان ۋە ئۇنى پەسەيتىدىغان ياخشى چارىمىز بولۇشى لازىم؛ خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەييارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز ھەم خەۋپ-خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇش، خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشتەك ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز، «پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىش» ئارقىلىق دۇنياغا تۆھپە قوشۇشىمىز، «روناق تاپقاندا دۇنياغىمۇ نەپ يەتكۈزۈش» پەزىلىتىمىز بىلەن دۇنياغا يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىشىمىز لازىم.

جۇڭگونىڭ تۈنۈگۈنى ئىنسانلارنىڭ تارىخ بېتىگە يېزىلدى، جۇڭگونىڭ بۈگۈنى مىليونلىغان خەلقنىڭ قولىدا يارىتىلىۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. بىز يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق. بىز يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونى ئوقۇپ چۈشىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي، قەتئىي بوشاشماي، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتايلى.