1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەنىۋى ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەش

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

日期:2019年09月06日
来源:新疆日报
【字体:

ئۇلۇغ دەۋر ئۇلۇغ روھنى چاقىرىدۇ، ئالىيجاناب ئىشلار ئۈلگىنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەمنى تەسىرلەندۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارغا ئېنىق تەلەپ قويۇپ، سوتسىيالىستىك ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىش، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى ھەم كەڭ ئىلغار نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلىشى بىلەن، مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى ئەخلاق - پەزىلەتكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىپ، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، جۇڭخۇانىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەۋر يېڭى ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ۋە كۈچلۈك ئەخلاق تىرىكىنى مۇجەسسەملىدى.

«مەنىۋىيەتنىڭ كۈچى چەكسىز، ئەخلاقنىڭ كۈچىمۇ چەكسىز»

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سوتسىيالىستىك ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش، ئۇلاردىن ئۆگىنىش پائالىيىتىگە سەمىمىي كۆڭۈل بۆلدى

8- ئاينىڭ 27- كۈنى كەچتە، بىر مۇھىم خەۋەر دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش پەيتىدە، «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلىدىغان تەكلىپ نامزاتلىرى پۈتۈن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىندى. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بويىچە مەركەزلىك باھالاش، مۇكاپات تارقىتىشنى قانات يايدۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان بۇ تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يېتەكلىگۈچى، ئۈلگە كۆرسەتكۈچىلەرنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق - پەزىلەتكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغانلىقى، ئەخلاقنىڭ ھەقىقىي خۇش پۇراق تارقىتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت گۈزەل كەيپىياتنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.

ئەخلاق بولمىسا دۆلەت روناق تاپمايدۇ، ئەخلاق بولمىسا ئادەم روناق تاپمايدۇ.

«جۇڭخۇا مىللىتى ئەۋلادمۇئەۋلاد گۈزەل، ئالىيجاناب ئەخلاق مەنزىلىگە ئىنتىلسىلا، بىزنىڭ مىللىتىمىز مەڭگۈ ئۈمىدكە تولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2013- يىلى 11- ئايدا شەندۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان چاغدىكى چوڭقۇر ھېسسىياتلىق چاقىرىقى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى سوتسىيالىستىك ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان قىزغىن دولقۇنىنى كۆتۈردى.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئەخلاق ئارقىلىق روھنى تاۋلاشقا باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى −

«خەلقتە ئېتىقاد بولسا، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ.»

2015- يىلى 2- ئاينىڭ 28- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 4- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي كەنت - بازار، مەدەنىي ئورۇن ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى ئىلغارلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ بۇ دانا سۆزنى قىلدى.

ئۇ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ماددىي بايلىق ئىنتايىن مول بولۇشى، مەنىۋى بايلىقمۇ ئىنتايىن مول بولۇشى كېرەك.»

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش» ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى بېكىتىپ، ئىككى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى تەڭ ئىلگىرى سۈردى، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئالىيجاناب روھ بىلەن ئادەم تەربىيەلەش، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەمنى ئىلھاملاندۇرۇش، مول ئەخلاق ئارقىلىق ئادەمنى ئوزۇقلاندۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى.

مەنىۋى جەھەتتە «كالتسىي تولۇقلاش» ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ماركسىزم، كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقاد، سوتسىيالىزمغا بولغان ئىشەنچ كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى <كالتسىي>سى.»

ئەخلاق يېتىلدۈرۈپ دۇرۇس ئادەم بولۇش توغرىسىدا، باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەخلاق يېتىلدۈرۈشنى قەدىرلەيدىغان مىللەت بولۇپ، ئەزەلدىن «ئادەم ئەخلاقلىق بولسا ئېزىقتۇرۇشلارغا ئالدانمايدۇ» دېگەننى تەكىتلەپ كەلگەن.

قانۇن بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا، باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: «قانۇن ئۆلچەم، ھەرقانداق ۋاقىتتا جەزمەن ئەمەل قىلىش كېرەك؛ ئەخلاق ئۇل تاش، ھەرقانداق ۋاقىتتا سەل قاراشقا بولمايدۇ» «قانۇن جاھاننى تىنچلاندۇرىدۇ، ئەخلاق كىشى قەلبىنى ئىللىتىدۇ.»

نۆۋەتتە، پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى «ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش» توغرىسىدا كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىش بىلەن سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەنزىل، ئىدىيە مەنزىلى، ئەخلاق مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈش كېرەك».

بۇ بىر چوڭ پارتىيە داھىيسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاشتىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى، تېخىمۇ مۇھىمى بىر چوڭ دۆلەت رولچىسىنىڭ مەنىۋى كۈچنى بەرپا قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى.

سوتسىيالىستىك ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى قانداق كۈچەيتىش توغرىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى −

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەيلى جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ياكى رىياسەتچىلىك قىلىپ يىغىن ئاچقاندا بولسۇن، مەيلى ئىلغارلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە بولسۇن ياكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە بولسۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەمىشە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى تەكىتلىدى.

ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارغا باش شۇجى مۇنداق قاتتىق تەلەپ قويدى: «پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشنى كىشىلىك ھاياتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم، زۆرۈر دەرسلىك قىلىشى شەرت.»

بېيجىڭ داشۆنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىغا باش شۇجى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق تەلىم بەردى: «ئەخلاق ئادەم ئۈچۈنمۇ، جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ ئۇللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە، ئادەم بولۇش، ئىش قىلىشتا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئەخلاقنى قەدىرلەپ تەربىيەلىنىش.»

ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىدىن باش شۇجى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق ئۈمىد كۈتتى: «بىز ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىكنى تارقىتىپ، ئالغا ئىنتىلىدىغان، ئاق كۆڭۈللۈككە ئىنتىلىدىغان قىممەت قارىشىنى تارقىتىپ، كىشىلەرنى ئەخلاقىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئەخلاقىي شان - شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىشىمىز كېرەك.»

مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلە ۋەكىللىرىگە باش شۇجى سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئائىلە ئىستىلى جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى» «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى پائال تارقىتىش كېرەك.»

...

باھار شامىلىدەك ئىللىتىپ، كىشىلەر قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇش. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاتلاملاردىن چوڭقۇر شەرھلەپ، سەمىمىي تاپشۇرۇقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش، ئۇلاردىن ئۆگىنىش پائالىيىتىگە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى كۆڭۈل بۆلدى، ئۆزى تۈرتكە بولدى −

مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تەربىيەلەش، گۈزەل تۇرمۇش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان دەۋر يېڭى ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇش مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى.

2013- يىلى 9- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ جىڭشى مېھمانخانىسىدىكى يىغىن بىناسىنىڭ ئالدى زالىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 4- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ھەم نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، كۆرۈشۈشكە قاتناشقان يولداشلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

باش شۇجى سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇزاقتىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەۋر يېڭى ئىستىلىنى يېتىلدۈردى، جۇڭخۇا زېمىنىدا زور بىر تۈركۈم ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى، ئەڭ گۈزەل شەخسلەر بارلىققا كەلدى. مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر ۋەكىللەر.

ئىككى يىلدىن كېيىن، 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىگە باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە مۇھىم تەستىق سالدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەش سوتسىيالىستىك ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ مول نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىنتىلىش روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»

ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى كۈرەشتە ئالدىدا ماڭغۇچىلار، جەمئىيەتنىڭ يېتەكلىگۈچىلىرى. نۆۋەتتە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغۋار مۇساپىسىنى باشلاش ئالدىدا، كەڭ خەلق ئاممىسىنى سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىكنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا، ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەشكە رىغبەتلەندۈرۈش تولىمۇ زۆرۈر.

«تەشۋىقات، ئۆگىنىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئۈلگىلىك كۈچىنى مىليونلىغان ئاممىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەلىپى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئۇلاردىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە يېتەكلىدى.

«پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەخلاق - پەزىلەتكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىدىغان، ئەخلاق - پەزىلەتنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان قويۇق كەيپىيات بەرپا قىلىش»

− باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە نەمۇنىچىلارنى ھۆرمەتلەش، نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىش، نەمۇنىچىلارغا ئىززەت - ئېھتىرام بىلدۈرۈش قويۇق كەيپىياتىنى تەشەببۇس قىلدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى

ئالتۇن كۈزدىكى 9- ئايدا، گۇيجوۋ زۇنيىنىڭ بوجوۋ رايونىدىكى پىڭجېڭ گېلاۋ مىللىي يېزىسى ئىتتىپاق كەنتىنىڭ ھاۋاسى سالقىن ئىدى.

يېشى 80دىن ئاشقان «پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى» خۇاڭ دافا يەنىلا بىكار تۇرماي، ھەر كۈنى پارتىيە ئىزنىكى تاقاپ كەنتتە ئالدىراش يۈرەتتى. ئۆتكەن 30 نەچچە يىلدا، ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدا، ئەۋلادمۇئەۋلاد قۇرغاقچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ئىتتىپاق كەنتى تىك قىيادىن ئون كىلومېتىر كېلىدىغان «تيەنچۈ ئۆستىڭى»نى قېزىپ، «نامراتلىق يىلتىزى»نى بىراقلا قومۇرۇپ تاشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، كەنت يەنە چوڭ كارخانىلارنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىشى - يۆلىشىنى كۈتۈۋالدى، كەنت ئاھالىلىرى غەيرەتكە كېلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا تىرىشتى.

2017- يىلى 11- ئاينىڭ 17- كۈنى، تەقدىرلەنگەنلەرنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خۇاڭ دافا بېيجىڭغا كېلىپ مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتنىشىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي كۆرۈشۈشىگە مۇيەسسەر بولدى. بولۇپمۇ ئۇنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگىنى شۇكى، ئۇ ۋە خۇاڭ شۈخۇادىن ئىبارەت ياشىنىپ قالغان ۋەكىلنىڭ كىشىلەر توپى ئارىسىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەن باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ قولىدىن تۇتۇپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى.

«پېشقەدەم ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىغا ئورۇن بېرىش ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ياشانغانلارنى ئىززەتلەيدىغان ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق، مانا بۇ ئەدەپ - ئەخلاقتىكى ئەقەللىي ئىش ھېسابلىنىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان سۆزى ۋە ھەرىكىتى شۇنىڭدىن باشلاپ تىللاردا داستان بولدى.

«باش شۇجىنىڭ بىزنى يېنىغا ئولتۇرغۇزغانلىقىنى كۆپچىلىك شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا تارقىتىپ، ھەممەيلەن باش شۇجىدىن ئۆگىنىمىز، دېيىشتى. ھازىر كەنتتە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارنى ئىززەتلەش، ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ئائىلە ماجىرالىرى خېلىلا ئازايدى.» بۇ ئىككى يىلدىكى كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغاندا، خۇاڭ دافا بوۋاينىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلەندى.

نەمۇنىچىلارنى ھۆرمەتلەش، نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىشتە ھەم بىر خىل روشەن قىممەت يۈزلىنىشى شەكىللەندۈرۈش زۆرۈر، ئۇنى بىر تۈرلۈك سىجىل ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش تېخىمۇ زۆرۈر. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياكى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ياكى سەمىمىي چاقىرىق قىلىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى باشتىن - ئاخىر كۆڭلىگە پۈكتى، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.

بۇ ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياخشىلارنى ئىززەتلەش، ئەخلاق - پەزىلەتكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىشتىكى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇش −

چوڭلارنى ھۆرمەتلەشتە، نەمۇنىلىك شەخسلەرگە غەمخورلۇق قىلىشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

«تەسىرلەندىم» دېگەن سۆزگە تولۇپ تاشقان ھۆرمەت سىڭگەن − 2013- يىلى 9- ئاينىڭ 26- كۈنى، 4- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ھەم نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ نەزەرىنى بىرىنچى رەتنىڭ سول تەرىپىدە ئولتۇرغان بىر ياشانغان كىشىگە ئاغدۇردى. باش شۇجى مۇنداق دېدى: بۇ، بىزنىڭ پېشقەدەم جاڭجۈنىمىز گەن زۇچاڭنىڭ خانىمى گۇڭ چۈەنجېن، ئۇ بۇ يىل 90 نەچچە ياشقا كىردى، مەن ئۇنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەندىم.

بىر خىل چۈشىنىش كىشى قەلبىنى ئىللىتتى − 2014- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. كۆپچىلىكنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باش شۇجى سۆز قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋېتىپ، ئوڭ تەرەپتىكى ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئولتۇرغان جۇڭگو قىزىل راۋاقتىكى چۈش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي جەمئىيەت باشلىقى، 90 ياشقا كىرگەن فېڭ چىيۇڭ ئەپەندىگە قاراپ، كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: بۈگۈن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان نۇرغۇن پېشقەدەم سەنئەتكارلار ياشىنىپ قالدى، كۆپچىلىك ھېرىپ قالغان بولساڭلار، ئارام ئېلىش ئۆيىگە بېرىپ ئارام ئېلىۋېلىڭلار ياكى مېڭىپ ھەرىكەت قىلىڭلار.

بىر قېتىملىق يوقلاش چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان − 2016- يىلى 2- ئايدا، جىڭگاڭشەندىكى شېندې كۇتۇپخانىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 93 ياشلىق مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى گۇڭ چۈەنجېن، 87 ياشلىق مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى ماۋ بىڭخۇا ھەمدە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئەۋلادلىرى قاتارلىقلارنى يوقلىدى، كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ سەمىمىي پاراڭلاشتى.

بۇ خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدىغان گۈزەل ئەخلاق، ئەخلاق - پەزىلەتنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتلىك چاقىرىق −

2019- يىلى، ئىككى قەھرىماننىڭ ئىسمى كىشىلەر تەرىپىدىن چوڭقۇر ئەستە ساقلاندى: جاڭ فۇچىڭ، دۇ فۇگو.

2019- يىلى 5- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭنىڭ 60 نەچچە يىلدىن بۇيان نام - تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، ئۆمۈر بويى ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ، خىسلىتىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىدەك كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىش ئىزلىرىنى مەدھىيەلەپ، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى پائال ئەۋج ئالدۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.

ئىككى ئايدىن كېيىنكى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شەرەپ نامى بېرىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «مىنا تازىلاشتىكى قەھرىمان جەڭچى» شەرەپلىك نامىغا ئېرىشكەن دۇ فۇگوغا قەھرىمان نەمۇنىچى مېدالىنى تاقاپ قويدى، گۇۋاھنامە بەردى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

2019- يىلىدىكى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت بىلەن بىر قانچە قەھرىماننى تىلغا ئالدى: «... تەجرىبە سۇپىسىنى قوغداش ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان يولداش خۇاڭ چۈن، سۇڭ يۆسەي، جياڭ كەيبىن ھەمدە ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان باشقا قەھرىمانلار. ئۇلار يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر، مەڭگۈ بىزنىڭ ياد ئېتىشىمىزگە ۋە ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جاي، ھەرقايسى ساھەلەردە مەيدانغا كەلگەن ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ خىل شەكىلدە رىغبەتلەندۈردى، «تەرىپلىدى».

خەت - چەك ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭ لۇڭزى ناھىيەسى يۈمەي يېزىسىدىكى چارۋىچى جوگا، ياڭزۇڭ ئاچا - سىڭىل، خۇاجۇڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى «بېنيۈ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى»، «گو مىڭيى مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئەترىتى»گە بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە مەدىتىنى سەمىمىي ئىپادىلىدى.

مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ھاياتى ئارقىلىق ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىدا ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان» لو ياڭ، «تەيخاڭشەن تېغىدىكى يېڭى يۈگۇڭ» لى باۋگو، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى لياۋ جۈنبو، «ئەڭ ئالىي يۈكسەكلىكنى كۆڭلىگە پۈككەن» ۋەتەنگە قايتقان ئالىم خۇاڭ دانيەن قاتارلىق زور بىر تۈركۈم نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، ئۇلاردىن ئۆگىنىش چاقىرىقى چىقاردى.

بۇ، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىش، ئاقىللارنى، پەزىلەتلىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلەشتىكى ھەيۋەتلىك مەنزىرە −

يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى، ھەربىي پارات بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىكەن، 1500گە يېقىن ھەر ساھەدىكى ئىلغار نەمۇنىچى شەخسلەر ۋەكىلى تەكلىپكە بىنائەن مۇراسىمنى كۆرۈشكە قاتنىشىدىكەن.

بۇ تارىخىي پەيتتە، دۆلەت ئالاھىدە داغدۇغىلىق شەكىلدە نەمۇنىچى شەخسلەرگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەپ، بىر مىللەتنىڭ ئاقىللار، پەزىلەتلىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش، ئەخلاق - پەزىلەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى يۈكسەك كەيپىياتنى نامايان قىلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇشى ئارقىسىدا، پۈتكۈل جەمئىيەتتە نەمۇنىچىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، نەمۇنىچىلارغا ئىززەت - ئېھتىرام بىلدۈرىدىغان ھەرىكەت تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى.

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ھەر يىلى مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن ھال سوراش، ياردەم بېرىش - يۆلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇلارنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىي 16 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىپ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن 200گە يېقىن ئادەم قېتىمغا ياردەم بېرىپ يۆلىدى.

ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارمۇ بەس - بەستە ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر ئارقىلىق نەمۇنىچى شەخسلەرگە بولغان ھۆرمىتى ۋە غەمخورلۇقىنى ئىپادىلىدى: بەزى جايلاردا، تەقدىرلەنگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەندە، رەھبىرىي يولداشلار بەس - بەستە ئارقا رەتكە ئۆتۈپ، ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنى ئالدىنقى رەتكە تەكلىپ قىلدى؛ بەزى جايلار تۈرلۈك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى ئەستايىدىل زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن ھال سوراپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈردى؛ بەزى جايلار، ھەم ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جەمئىيەت كەيپىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى، ھەم تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۇلارنىڭ رېئال قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشغا ياردەم بېرىپ، ياخشىلارغا ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشتەك روشەن يۆنىلىشنى تۇرغۇزدى ...

يۇقىرىدىكىلەر ھەرىكەتكە كېلىپ، تۆۋەندە ئۈنۈم كۆرۈلۈپ، ئۇلغىيىپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى. ئەخلاق - پەزىلەتكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىش مەيىن شامىلى جۇڭخۇا زېمىنىنىڭ ھەممە يېرىنى سىيپاپ ئۆتمەكتە.

«ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئۈلگىلىك كۈچىنى مىليونلىغان ئاممىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇش»

− «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، كەڭ ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئالغا ئىنتىلىشكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئۈزۈلمەس مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەخلاق ئوزۇقى بىلەن تەمىنلىدى

2019- يىلى 7- ئايدا، «جۇڭگو ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى» ئېلان قىلىندى، جياڭشى پىڭشياڭنىڭ شاڭلى ناھىيەسىدىكى 70 ياشلىق بوۋاي لى بىڭۋېينىڭ ئىسمى بىردىنلا تىزىملىكتە كۆرۈلدى.

2009- يىلىدىن باشلاپ، لى بىڭۋېي ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، كەنتنى كېسىپ ئۆتىدىغان 319 دۆلەت يولى بويىدا بالىلارنى مەكتەپكە بېرىپ كەلگۈچە قوغداپ يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويدى، ئۇ يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويغان بالىلار جەمئىي 400 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، «قوغدىغۇچى بوۋا» دەپ ئاتالدى.

ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىز. «ئەڭ گۈزەل كېچىك ئىشچىسى» گو لوئېندىن «كۈمۈش چاچلىق ئاددىي كىشىلەر»دىكى پىدائىي دۇەن خۇاشېڭغىچە، يەنە ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ، باشقىلارنى قۇتقۇزغان كىچىك قەھرىمان شياۋ يۈلىڭغىچە ... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاھالىسى ئاران 2 مىليون بولغان «كىچىك شەھەر» پىڭشياڭدا ھەر بىر ئاددىي كىشىنىڭ ساخاۋەتلىك ھەرىكىتىدىن «مېھىر - مۇھەببەت» مېلودىيەسى ياڭرىدى، ھازىرغىچە 73 ئادەم «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى»گە چىقتى، ئۇدا 21 ئايغىچە ئۈزۈلۈپ قالمىدى.

پىڭشياڭلا ئەمەس. «ئەنخۇيدىكى ياخشى كىشى»دىن «خاڭجوۋدىكى ئەڭ گۈزەل كىشى»گىچە، «ساڭجوۋدىكى ياخشى كىشى»دىن «ياخشى كىشى پېيشيەندە»گىچە، جۇڭگو زېمىنىغا نەزەر سالساق، شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلاملىرى ئەخلاق - پەزىلەتكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان نەمۇنىلىك روھ، ئۈلگىلەرنىڭ كۈچى بىلەن تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن تەڭ يېتىلگەن ئەخلاق يۈكسەكلىكىنى نامايان قىلدى. مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي كەنت - بازار، مەدەنىي ئورۇن، مەدەنىي ئائىلە، مەدەنىي مەكتەپ... بىر قاتار ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرى ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلغاندەك، كېمىلەر بەس - بەستە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلگەندەك قانات يايدۇرۇلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە ئۈچۈن، دۆلەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان ۋە قۇربان بولغان قەھرىمان نەمۇنىچى شەخسلەرگە قارىتا، بىز ھەممىمىز ئۇلارنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن تولۇپ - تاشقان كۈچ - قۇدرەت قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.

ئەخلاق ئارقىلىق قەلبلەرنى ئىللىتىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەملەرنى تەربىيەلەش.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلاردىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار، تور بېكەتلىرى مەخسۇس ئىستون ئېچىپ، مەخسۇس بەت كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، ئىلغار تىپلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى دائىملىق ئېلان قىلدى، ئاممىۋى مەدەنىيەت سارايلىرى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرى مەخسۇس تېما كۆرگەزمىسى تەسىس قىلدى.

تور ۋە تور سىرتى گىرەلىشىپ جىلۋە قىلدى، ئەنئەنىۋى، يېڭىدىن گۈللەنگەن تاراتقۇلار زىچ ماسلاشتى، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرى مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە كىردى، پۇقرالارنىڭ يېنىغا باردى −

جياڭسۇ 7- نۆۋەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش مەزگىلىدە، «ئۇنى تەرىپلەش» تور پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 160 مىڭ تور ئەھلى تەرىپلەپ سۆز قالدۇردى.

خۇبېي «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» سۇپىسىدا خەۋەر ۋە سىن ئېلان قىلدى، دوۋيىن، كۈەيشوۋ قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن سۇپىلاردا مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىقاتنى قانات يايدۇردى.

يۈننەن 20 ئەخلاق نەمۇنىچىسىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئىنچىكە تاللاپ سىنلىق قىسقا فىلىم ئىشلەپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى VR شەكلىدە قايتا نامايان قىلدى.

كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى يەنە تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى كىنو قىلىپ ئىشلەپ، سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدىكى باش پېرسوناژغا ئايلاندۇردى: خېنەن ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى خېنەن جۇيزىسى، خېلو داگۇ، يەرلىك تىياتىر نومۇرى قىلىپ ئىشلىدى؛ خۇبېي ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى چوڭ تىپتىكى دىراما «سادىق ئاكا - ئۇكىلار»، چوڭ تىپتىكى سەھنە ئەسىرى «تۇجيا ئانا −لو جاڭ ھەدە» قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلىدى؛ ئەنخۇي مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامزاتىنى ئەسلىي تىپ قىلىپ، مىكرو رادىيو دىرامىسى، مىكرو كىنو ئىشلىدى...

ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ئامما ئارىسىدىن كەلگەن، يەنە ئامما ئارىسىغا قايتتى.

«ئۈندىداردا سەييارە لېكسىيە سۆزلەش» «توردا سەييارە لېكسىيە سۆزلەش» «سەييارە لېكسىيە سۆزلەش دوكلات يىغىنى» «سەييارە لېكسىيە سۆزلەش كىچىك شۆبە ئەترىتى» ... ھەرقايسى جايلار ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا سەييارە لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى بىلەن ئاساسىي قاتلام ئارىسىدىكى ئارىلىقنى تۈگەتتى، ئۇلارنى ئامما بىلەن يۈزتۇرا ئۇچراشتۇردى.

ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ھېكايىلىرى مېھىر - مۇھەببەتكە تويۇنغان ئۇرۇق، قەلب دۇنياسىغا چېچىلغان قۇياش نۇرى.

«بىز ئاددىي ئادەملەر، قىلغىنىمىز ئاددىي ئىشلار. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزدىن ئۆزىمىزنىڭ نەمۇنىلىك ھەرىكىتىمىز ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتىمىز ئارقىلىق ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىشنى، ئاممىنى يېتەكلەشنى تەلەپ قىلدى. بىز يېتەكچىلىك رولىمىزنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تەسىر كۆرسىتىشىمىز كېرەك.» سەييارە لېكسىيە سۆزلەشكە قاتناشقان ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ھېسسىياتى چىن، سەمىمىي بولدى.

«نەمۇنىچىلار بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا، ئۇلار ئاددىي سۆزلىرى، ئاددىي ئىشلىرى ئارقىلىق ئالىيجاناب ئەخلاق مەنزىلىنى شەرھلىدى. بىز نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشىدىغان كىشىلەردىن بولىمىز.» نەق مەيداندا لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان ئامما چوڭقۇر تەسىرلەندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ «تارقىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» رولىنى جارى قىلدۇردى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆگىنىدىغان ئۈلگىسى بار بولدى، ھەرىكەتتە ئۆلچىمى بار بولدى. ئەخلاقنىڭ كۈچ - قۇدرىتى پۇقرالارنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى، ئىلغار تىپلار دەۋرنىڭ ئۆلچەم بايرىقىغا ئايلاندى −

خېنەندە، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى سۇڭ لىپىڭ باشلامچىلىقىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى 500دىن ئاشتى، دېڭجوۋ «ئىشتاتتىن سىرت لېي فېڭ ئەترىتى»، جېڭجوۋ لۇڭخەي چوڭ ھويلىسى قاتارلىق 6000دىن ئارتۇق مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئەترىتى بارلىققا كەلدى.

شەنشىدە، خۇ شيۇجېڭنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان خىزمەت ئىشخانىسىدا، رېن فېڭشياڭ، ۋاڭ جېنجى قۇرغان پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتكە ئۈزلۈكسىز ئاكتىپ كۈچ قوشتى.

يېقىندا، «گو مىڭيى مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئەترىتى» ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە ياردەملىشىپ ئۆي سېلىش، توخۇ كاتىكى سېلىش، باقمىچىلىق بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئەنخۇيدىكى دابيېشەن كونا رايونىدىن، سىچۇەندىكى دالياڭشەن نامرات رايونىغىچە، گۇيجوۋدىكى ليۇپەنشۈيدىن، لياۋنىڭدىكى چاۋياڭغىچە بولغان جايلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇلارنىڭ مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈپ ياردەم بەرگەن سىيماسى قالدى، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا جەمئىي 30 مىليون يۈەن مەبلەغ توپلاپ، 5000 ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ بەش يىل ئىلگىرى بىزگە جاۋاب خەت يازغاندىن كېيىن، بارغانسېرى كۆپ كىشى مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئەترىتىمىزگە قوشۇلدى. ھازىر پىدائىيلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2 مىليون 300 مىڭدىن ئېشىپ، بەش يىل بۇرۇنقىدىن 1 مىليوندىن ئارتۇق كۆپەيدى، بۇنىڭدىن مەن تۆلىگەن بەدىلىمنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتتىم» دېدى گو مىڭيى ھاياجانلانغان ھالدا.

چىراغلار ياندۇرۇلدى، ئوتلار تۇتاشتۇرۇلدى. ھەر قېتىملىق روھىي تاۋلىنىش، ھەربىر ئىلغار تىپ، تۈرلۈك ئەخلاق ئەمەلىيىتى، ئۈزلۈكسىز كۈچەش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش پۈتكۈل جەمئىيەتتە ياخشى ئىش، ھەققانىي ھەرىكەت قوزغاپ، ئۇنى ئادەتكە ئايلاندۇردى.

مەدەنىيلىك گۈللىرى باغلاردا خۇش پۇراق چېچىپ ئېچىلدى، قەلبداشلىق ئەتراپنى گۈزەللىككە تولدۇردى.

يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گەنسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، بابۇشا ئورمانچىلىق مەيدانىغا كەلدى. باش شۇجى بابۇشا ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى «ئالتە بوۋاي»نىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى يۈكسەك تەرىپلەپ، يېڭى دەۋر «ئالتە بوۋاي»غا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ ھازىرقى زامان يۈگۇڭلىرىغا، دەۋر نەمۇنىچىلىرىغا موھتاج دەپ كۆرسەتتى.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە ئاتلانغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش سەپىرىگە يۈزلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئالتە بوۋاي»نىڭ نەمۇنىلىك روھى بىلەن كەڭ كومپارتىيە ئەزالىرىغا چاقىرىق چىقاردى: «ھەر قانداق ئىش كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىدىن ئايرىلالمايدۇ. كومپارتىيە ئەزالىرى ئاۋۋال ئوتتۇرىغا چىقىشقا، ھۇجۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلالىسىلا، ئاممىنى يېتەكلەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، تەشكىللەپ، يېڭى بىر زېمىن ئاچالايدۇ، چوڭ - چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.»

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى)