1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى

日期:2019年07月18日
来源:新疆日报
【字体:

پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقاندا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە، 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى خوتەندە ئېچىلدى. يىغىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈملەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ھازىر شىنجاڭ خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىشى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چوڭقۇر تەسىرلەندى، چوڭقۇر ئىلھاملاندى، ھەسسىلەپ روھلاندى.

شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە باشتىن - ئاخىر تولۇق غەمخورلۇق قىلدى، مېھىر - مۇھەببىتىنى بەردى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى توپلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ۋە تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل كۈچىيىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش − دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سېلىنغان مەبلەغنىڭ زورلۇقى، قاتناشقان خادىملارنىڭ كۆپلۈكى، قاپلىغان ساھەسىنىڭ كەڭلىكى مىسلىسىز بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ تەرەققىياتى، قىياپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى زور دەرىجىدە چېنىقتۇرۇپ، پارتىيە ۋە ئاممىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇردى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى زور دەرىجىدە نامايان قىلدى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە بىر قاتار نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن كەلگەن، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولغانلىقىدىن كەلگەن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ چىن كۆڭلىدىن قىلغان ياردىمى ۋە خالىس تۆھپىسىدىن كەلگەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغانلىقىدىن كەلگەن. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تامامەن توغرا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ ھەم ئىشىنىشكە ئەرزىيدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدە قۇرۇلغان زامانىۋى مەكتەپ، دوختۇرخانا، زاۋۇتلار قاتار - قاتار قەد كۆتۈردى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى مۇجەسسەملەنگەن خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشلىرى تۈركۈم - تۈركۈملەپ تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى... شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپتىن بەھرىلەندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مىننەتدارلىق بىلەن قەلبىگە پۈكۈپ، مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، شىنجاڭ خىزمىتىمۇ يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەشنى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، دەل جايىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئۇزاققىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە جەزمەن تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭغا كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، دەل جايىدا تاللاپ ئەۋەتىش، ئىلمىي ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رولىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ خاس كەسىپ، يېشىل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا، مەھسۇلاتنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىدىكى كەسىپ تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كېڭەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەبلەغ، تۈرلەرنى ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ كۆپ مايىللاشتۇرۇش، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆپرەك بېرىش - كېلىش قىلىشىنى قوللاپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭغا مەدەنىيەت، مائارىپ ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت - ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كادىرلارنى چېنىقتۇرۇش ۋە يېتىشتۈرۈش سۇپىسى قىلىپ، باھالاش - باھا بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي ھېسسىياتى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغانلارنى غەيرەتكە، سەھنىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

بېلىق سۇنىڭ قەدرىنى بىلگەندەك، بەختنىڭ مەنبەسىنى بىلىش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت ئاممىسىغا بەخت يارىتىدىغان ئۇلۇغۋار ئىش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئاساسىي گەۋدە ئېڭىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردىمىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەر ئاساسىدا، سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي - ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.