1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ئىككى قولدا تۇتۇش  ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈش

日期:2019年07月12日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.

ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتى، شۇنداقلا باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى دەڭسەشتىكى مۇھىم ئۆلچەم. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇشتا، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى تاماملاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، باش تېما تەربىيەسىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىي ھەرىكىتىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھى ۋە باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتىكى ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

«يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەش». باش تېما تەربىيەسىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلىرىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قەلبكە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشتا پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.